قۇمۇلدا «بىزگە ئىگە چىقىدىغان دۆلەت يوقمۇ؟ » دەپ چۇقان سالغان بېلىقىز خانىم تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

يېقىنقى 10 يىلدا بېيجىڭدا پىروفېسسور ئىلھام توختى، ئۈرۈمچىدە ئەرزدار ئانا پاتىگۈل غۇلام قاتارلىق كىشىلەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ھاكىمىيەتكە قارشى نارازىلىقنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن ئۈلگىلىرىنى ياراتتى. بۇلار ۋە بۇ تىپتىكى كىشىلەر 2017 ‏-يىلدىن كېيىن مۇددەتسىز كېسىلگەن ياكى ئۈن-تىنسىز يوقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان كىشىلەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ ۋەزىيەت كورونا قامالى سەۋەبلىك غۇلجىدا ئاچارچىلىق ۋە ئۈرۈمچىدە «24 ‏-نويابىر» ئوت پاجىئەسى بەرگەندە، شۇنداقلا بۇ يىل ئۈچتۇرپان ۋە ئاقچى ناھىيەسىدە ئېغىر يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل داۋاملىشىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە دويىندا ئاشكارىلانغان ۋىدىيولاردىن بىرى قۇمۇلنىڭ ئاستانە يېزىسىدىكى بېلىقىز ئىسىملىك بىر خانىم تەرىپىدىن تارقىتىلغان. بېلىقىز خانىم بۇ مەسىلىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەل قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ھالدا، خەلقئارا جامائەتكە مۇنداق مۇراجىئەت قىلغان ئىدى: «يېرىمىزنى تارتىۋالدى، شىكايەت قىلىپ بارساق، ‹يەر دۆلەتنىڭ› دېدى، بىز جېنىمىزنى قانداق باقىمىز، بالىلىرىمىزنى قانداق ئوقۇتىمىز، بىزگە ئىگە چىقىدىغان بىر دۆلەت يوقمۇ، بىزنى سورايدىغان بىر تەشكىلات يوقمۇ؟ »

بۇ ۋىدىيو دويىنغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن، ئۆچۈرۈلۈشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت تەرىپىدىن ساقلىۋېلىنغان. زۇمرەت داۋۇت شۇ كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، بېلىقىز خانىمنىڭ جاسارىتىگە قايىللىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارا جامائەتنى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا دەۋەت قىلغانىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل ئاستانەدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېلىقىز خانىم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل كىتاب ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تىجارەتتە بەك روناق تاپالمىغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇ بارلىق دەسمايىسىنى يىغىپ ئاچقان 8 مو تېرىلغۇ يېرى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قۇمۇلدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق دەردىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاپ: «ھۆكۈمەت كۈچلۈك بولغاندىكىن بىزنى بۇنچە قىينىغۇچە ئېتىپلاۋەتسە بولمامدۇ، قىرىپلاۋەتسە بولمامدۇ؟! بۇنچىۋالا ئازابتىن ئۆلۈپلا قۇتۇلساق ياخشى ئەمەسمۇ؟» دەپ چۇقان كۆتۈرگەن.

بېلىقىز خانىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىنىڭ سالمىقى ئۈستىدە توختالغان سابىق ساقچى، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر يولۋاس ئەپەندى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: «خىتايدا مۈلۈك ھوقۇقى دەپ بىر نەرسە يوق، ھېچكىمنىڭ مۈلكى كاپالەت ئاستىدا ئەمەس. بېلىقىز خانىم، دەل مۇشۇنداق چوڭ ۋە جىددىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان. خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك جازالايدىغانلىقى ئېنىق» .

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، بېلىقىز خانىمنىڭ شۇ ۋىدىيوسى ئېلان قىلىنىپ بىر-ئىككى كۈندىن كېيىنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ بېلىقىز خانىمنىڭ ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە بىر شىكايەت خېتى يوللاپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ يەر مەسىلىسى ھەققىدىكى مەزكۇر ۋىدىيو بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھەققىدە توختالمىدى.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتايدا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» نامى ئاستىدا بىر جازا تۈرى بار بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ قۇلىقىغا ياقمىغان ھەرقانداق ئۆكتىچى ياكى قارشى پىكىردىكى كىشىنى جازالاشتا مانا مۇشۇ قالپاقنى كەيدۈرىدىغانلىقىنى، بېلىقىز خانىمنىڭمۇ شۇ تەرىقىدە جازالىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدا قۇمۇلدا «بىزگە ئىگە چىقىدىغان دۆلەت يوقمۇ» دەپ چۇقان سالغان بېلىقىز ئىسىملىك خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.