قۇمۇلدىكى مائارىپ خادىمى: «مەمەت ئېلى مۇئەللىمنىڭ دېلوسى جەمئىيەت مۇقىملىقى مەسىلىسىگە چېتىشلىق»

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە فېيسبۇكتا قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، خەتتات مەمەت ئېلىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قۇمۇل ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە مەزكۇر مەكتەپكە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەمەت ئېلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايان قىلىنىشىچە، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەمەت ئېلى 2019‏-يىلى 22‏-مارت كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بىر خادىمى مەمەت ئېلىنىڭ ئىش ئورنىدا بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «يوق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن مەمەت ئېلىنىڭ قاچاندىن بېرى ئىش ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ھەقتە مەكتەپنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن مەمەت ئېلىنىڭ تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمزىدا ئۇ بۇ ھەقتە تېلېفوندا جاۋاب بېرىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇچۇر ئېلىشىمىز ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى مەمەت ئېلىنىڭ 1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ تەجرىبىلىك بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش بىلەن بىللە قۇمۇلدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپى پارتىكومىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى مەمەت ئېلىنىڭ تېخى ئىشقا چۈشمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ مەمەت ئېلىنىڭ قاچاندىن بېرى خىزمەتتىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەمەت ئېلى يەنە ئۇستا خەتتات بولۇپ، قۇمۇلدا 2014 ‏-يىللىرى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە قوشۇمچە خەتتاتلىق دەرسى بەرگەن ئىكەن.

قۇمۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى مەمەت ئېلىنىڭ دېلوسىنىڭ سەزگۈر دېلو ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىنلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خادىممۇ قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپىدە مەمەت ئېلى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بولغانلىق، ئۇنىڭ نۆۋەتتە خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، مەمەت ئېلى قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپى باشقۇرۇشىدىكى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە قەشقەر ۋە خوتەنلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا بىر قېتىم دائىرىلەر تەرىپىدىن بىر قېتىم سوراققا تارتىلغان.

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى مەمەت ئېلى دېلوسىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتى ۋە مەمەت ئېلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ھالدا تەكىتلىدى.