مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ «2021-يىللىق قۇربان ھېيتلىق ئاخبارات يىغىنى» غا ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىدا قۇربان ھېيت تەبرىكلەنگەنلىكى»، «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خوشال-خورام كەيپىياتتا قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالغانلىقى» كەڭ تەشۋىق قىلىندى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي خەۋەرلىرى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان سىن فىلىملىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەسچىت ۋە مەيدانلاردا قۇربان ھېيتلىق «ساما ئۇسۇلى» ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، شۇنداقلا «رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، ھەممە جاينىڭ ھېيت كەيپىياتىغا تولغانلىق» كۆرۈنۈشلىرى قايتا-قايتا تەشۋىق قىلىندى.

20-ئىيۇل كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر گۇۋاھچى» لار سۆزگە چىقىرىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە»، «ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت خەلقى قۇربان ھېيتنى دىنىي قائىدە- يوسۇنلار بويىچە ئەركىن ۋە خوشال ئۆتكۈزمەكتە» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلەرنى قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى مەدھىلەشكە سېلىنغان.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى گوللاندىيەگە كەلگەندىن بۇيان، ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان لاگېردا كۆرگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنى «پۈتۈنلەي يالغانچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇ 2017-2018-يىللىرى ۋە 2019-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشتىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنئەنىۋىي دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈشتىن چەكلەنگەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش مەزگىللەرگە توغرا كەلگەن خىتاينىڭ زوڭزا بايرىمى قاتارلىق بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق تەشۋىقاتى ۋە ئاخبارات يىغىنىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالدى

ئۇنىڭ قارىشىچە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي بايراملىرىغا چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقان، ھەتتا يېقىنقى 3 يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل بايراملارنى ئۆتكۈزۈشىنى قاتتىق چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ھەتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بېسىم سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى بازارغا سېلىشى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىياتېر شەكلىنى ئالغان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانچىلىق ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلارنى مەيلى قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايدىكىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردىن ۋاز كېچەلمەيدىغان بىر تۈركۈم دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا كۆز يۇمۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلىرىغا مەيدان ھازىرلىماقتا ئىكەن.