مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنىڭ قۇربان ھېيتتىكى ئىزتىراپلىرى ۋە ئۈمىدلىرى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-07-20
Share
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلارنىڭ قۇربان ھېيتتىكى ئىزتىراپلىرى ۋە ئۈمىدلىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2015-يىلى 25-سېنتەبىر، تۈركىيە. RFA/Arslan
Social Media

ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەككە مۇھەررەمگە بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىدۇ. ھەجنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى (يەنى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ) «قۇربانلىق» قىلىنىپ، ھېيت تەبرىكلىنىدۇ. بۇ دەل روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70-كۈنگە توغرا كېلىدۇ. ئىسلام كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن 10 كۈن پەرق بولغاچقا، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم بولمايدۇ. بۇ يىلقى قۇربان ھېيت 20-ئىيۇل تەبرىكلەندى. پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش ئادەتلىرى  ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە، ھېيتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئۆي ئىچى، ھويلا-ئاراملىرىنى پاك - پاكىز تازىلايدۇ، ھېيتلىق يېڭى كىيىم تەييارلايدۇ. ئاياللار ساڭزا سېلىپ، ياغلىق توقاچ - نانلارنى يېقىپ، تۈرلۈك تاتلىق-تۇرۇملارنى پىشۇرىدۇ. ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىك، كەمپۈت، مېۋە-چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، ھېيتلىق مول داستىخان ھازىرلايدۇ. ھېيت كۈنى ئەتىگەندە مۇسۇلمانلار يۇيۇنۇپ، پاكىز-رەتلىك كېيىنىپ، مەسچىتكە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ. ئاندىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوي سويۇپ، گۆش پىشۇرۇشقا باشلايد . يەنە بەزىلەر كالا، تۆگە سۆيىدۇ. قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى سېتىشقا بولمايدۇ. قائىدە بويىچە قوينىڭ تېرە-ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بەرگەندىن باشقا، گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلەرگە، قۇلۇم- قوشنىلارغا تارقىتىلىدۇ. ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە-پىرەنىك، تاتلىق يېمەكلىكلەر، كەمپۈت ۋە مېۋە-چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ. ھېيت كۈنلىرى كىشىلەر ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ئۆز-ئارا مۇبارەكلىشىدۇ، پەتىلىشىىدۇ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال-ئەھۋال سورىشىدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ، قايتا ياخشى بولۇشۇپ قالىدۇ. ھېيت كۈنلىرى يەنە يۇرت-يۇرتلاردا تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

رەسمىي ئاشكارىلانغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ساقال، ھېجاپ، روزا، زاكات، دىنىي كىتاب، جايناماز قاتارلىق ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قائىدە-يوسۇن، سىمۋوللىرىنى ۋە دىنىي بۇيۇملىرىنى «ئاشقۇنلۇق» دەپ چەكلىگەن. 2017-يىلىدىن بۇيان مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان.

يىقىنقى تۆت-بەش يىلدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-ئايۇەم كۈنلىرىدە ئۈمىدۋار بولۇش، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆز ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى يوللانمىلار كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولانغان ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۆت-بەش يىلدىن بۇيانقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكى بايان قىلىنغان تۈرلۈك يازما ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى يوللاپ، چەت ئەللەردە ھېيتنىڭ ھېيتتەك بولمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشىپ كەلمەكتە.

بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن بىر قانچىسى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. بالىلار ھېيتتا  ھېيتلىق يىغىدىغانلىقى  ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن خوشال بولۇشۇپتۇ. ئاتا-ئانىلار قۇربانلىق قىلىش ۋە ھېيتلىق ساڭزا سېلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. ھازىر ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق پولات ئائىلىسى رادىيومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى. ئەخمەتجان پولات ئەپەندىم، نۇرئىمان پولات خانىم ۋە 11 ياشلىق ئەسمانۇر پولاتنىڭ سۆزلىرىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب ھەم ئۈمىد ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.

ئەخمەتجان پولات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تاڭ ئاتمايدىغان كېچە يوق. قەلبىمىزدىكى ئازابلىق تۇيغۇلىرىمىزنى بىزگە ئۈمىد بېرىدىغان ئىجابىي كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

«2020-يىلى دۇنيادا تەسىر پەيدا قىلغان 100 ئىلھامبەخش ئايال» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەتئ ەللەردە ساقلاپ قېلىش ۋە ئانا تىل مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان، «ئايخان» فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىم «بالا تەربىيەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى» دەپ قارايدىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىش دېگەنلىك، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قىلىش، ياراملىق ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈشتۇر.»

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان 14 ياشلىق نازاكەت مۇتەللىپ ئۆتكەن يىللىق  «مەن-ناتىق» ئۇيغۇر بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۆز ياش گورۇپپىسى ئىچىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى. بىز بۇ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا نازاكەتنىڭ ئائىلىسدىكىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. بىز تېلېفون قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيى قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىكەن.

نازاكەت ئاپىسى بىلەن بىللە ساڭزا ساپتۇ، ئۆي تازىلاپتۇ. ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەن ھېيتتا كۆرۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال ئىكەن.

نازاكەتنىڭ ئاپىسى مېھرىگۈل خانىم تۆت بالىنى چوڭ قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «چەت ئەلگە چىقىپ ياشىدىم، دېگەن بىلەن ئۆزى بولۇپ ياشاش بەك تەسكەن. بالىلارنى ئۆز كىملىكى بىلەن چوڭ قىلىمىز دېسەك، بالىلارغا كېچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تەربىيەنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەككەن.»

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىۋاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتكەن. تۈركىيەدە

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت