خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغىلى 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بۈگۈنكى كۈندە، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر تەشۋىش ئىچىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنى كۈتىۋالماقتا.
9-ئىيۇل كۈنى يېتىپ كېلىدىغان قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇربان ھېيتلىق تەبرىك باياناتى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەن. تەبرىك باياناتىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنىڭ ئالاھىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، شۇنداقلا دۇنيادىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قىممەتلىك يۇرتداشلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز! قەدىردان خەلقىمىزگە ئاللاھدىن ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئامانلىق، بەخت-سائادەت تىلەيمىز!»
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەر يىلى قۇربان ھېيت كەلگەن ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ شاتلىققا چۆمىدىغانلىقىنى، ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنقەرز ۋەتىنى ۋە مەھكۇم خەلقىنىڭ دەرد-ھەسرەتلىرى تۈپەيلى ئازابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنۇلارنى دېدى: «قىممەتلىك قېرىنداشلار، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شاتلىققا چۆمدۈرىدىغان مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ھېيت-بايراملار يېتىپ كەلگىنىدە، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان ۋەتىنىمىزدە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز؛ خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا، جازا لاگېرلىرىدا جان تالىشىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز؛ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز؛ يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز!»
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈنگىچە 10 دۆلەت ۋە پارلامېنتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زور باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۇرۇپتىمىز، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى بۈگۈن پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئويغاتتى. دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىپ كېتىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان خەلقئارا جامائەتچىلىك مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سوراش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. مۈستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق 10 دۆلەت ۋە پارلامېنت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىندى. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساسلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامەنتلىرىنىڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلاندى. خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ خىتاينىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىدى. 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش› قانۇنىنى ئىجراغا قويۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشكە باشلىدى. باشقا غەرب ئەللىرىمۇ ئامېرىكادىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئىجابىي قەدەملەرنى بېسىشقا باشلىدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىتايغا قارشى بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۇچەيتىش يولىدا يۈكسەك جاسارەت ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە جىددىي ھەركەتكە ئۆتۈشىمىز تولىمۇ زۆروردۇر!»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇرتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز ئىنسانىي ھەق-ھوقوقلىرىمىزنى، قەدىر-قىممەتلىرىمىزنى، مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ قالىمىز ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئەركىن ۋە ئازات ھالدا ھېيتىمىزنى قۇتلۇقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا چوقۇم خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان پۈتۈن زۇلۇم ۋە بالايى-ئاپەتلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى ھېسابلانغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا پۈتۈن پىداكارلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم. مانا بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولىدىن ئىبارەت! ئاخىرىدا ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قايتا تەبرىكلەيمىز ۋە سىزلەرگە ئاللاھدىن سالامەتلىك ۋە بەخىت تىلەيمىز!»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھەر يىلى قۇربان ھېيىتتا ھەرقايسىي ئەللەردىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىدىن قۇربانلىقلارنى يىغىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇربانلىق قىلىش ئىمكانى يوق ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلمۇ ئوتتۇرا ئاسيا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق ئەۋەتىپ بېرىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
قۇربان ھېيتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ ئاز ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. ۋەتىنى سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەنئەنىسىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە داۋام قىلدۇرماقتا.