قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچ كۈن قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىدى

0:00 / 0:00

ئىككى يىلدىن بۇيان باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە ئوخشاشلا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى سەۋەبىدىن قازاقىستاندىمۇ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىنىڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش چەكلەنگەن ئىدى. بۇ يىل ئومۇمىي ۋەزىيەت تۇراقلىشىپ، روزا ھېيتىنى ئەركىن-ئازادە ئۆتكۈزۈشكە تولۇق رۇخسەت قىلىندىن. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ساقلىقنى ساقلاش ئىدارىلىرى خەلقنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئالمۇتا شەھىرىدە بىر قاتار ۋىرۇستىن ساقلىنىش چارىلىرى يولغا قويۇلۇپ، ھېيتنى ئائىلە ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈش، ئاممىۋىي پائالىيەتلەردىن باش تارتىش تەۋسىيە قىلىندى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەھەردە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس 13 جاي ئاجرىتىلىپ، قۇربانلىقنى ئاھالىلەرگە تارقىتىش ئىشلىرى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلىغان ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، ۋىرۇستىن ساقلىنىش چارىلىرى تولۇق يولغا قويۇلمىغان بەزى يېزا ۋە مەھەللىلەردە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى كوللېكتىپ ئوقۇلدى. ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئادەتتىكى ناغرا-سۇناي چېلىنىپ، ئاھالىلەر ئۈچ كۈن، يەنى 9-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قىزغىن مۇبارەكلەشتى.

بىز بۇ توغرىلىق ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم شائىر ئەكرەم سادىروفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز كىچىك چاغدا ۋەتەندە، يەنى مەن تۇغۇلغان ۋە ئۆسكەن يۇرتۇم غۇلجانىڭ توخۇچىيۈزى يېزىسىدا ھەممە ئادەملەر دېگىدەك قۇربانلىق قىلاتتى. قۇربانلىق ئۈچ كۈنگە سوزۇلاتتى. بىز ئۇششاق بالىلار ئەتىگەنلىكى 10 دىن باشلاپ كەچقۇرۇنغىچە ھېيتلىشاتتۇق. قۇربانلىق قىلالمىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ مەزىن، ئىمام، ياكى قىرائەت قىلىدىغان ئادەملەر جامائەتنى ئەگەشتۈرۈپ قۇربان ئېشى پىشقىچە ھېيتلاپ كىرەتتۇق. ھېيتلاش بىر ئاي بويىچە داۋاملىشاتتى. ئەمما ھېيت ئۈچ كۈن بولاتتى.»

ئەكرەم سادىروف ئاتا-ئانىسى بىلەن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، پەقەت قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىنلا دىنىي ئەنئەنىلەرگە ئەركىنلىك بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى يۇرتىدا قۇربان ھېيتنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسى تاشقاراسۇ يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، خانىم-قىزلار ئاكتىپى گۈلمىنەم توختايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەملىكىتىمىز مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە خەير-ئېھسان ئىشلىرى يولغا قويۇلۇپ، كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمىتى، مېھرى-مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىمۇ قۇربانلىقلار قىلىنىپ، چوڭلارنى يوقلاش، يېتىم-يېسىرلارغا مال سويۇپ، گۆش تارقىتىش ئىشلىرى يۈرگۈزۈلدى. بولۇپمۇ ياشلىرىمىز ئاخچا يىغىپ، مال سېتىۋېلىپ، قۇربانلىق بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.»

قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەش ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق، زاريا ۋوستوكا، سۇلتانقورغان، گورنىي گىگانت ۋە شەھەرنىڭ سىرتتىكى ناھىيەلىرىدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە تۇرىدىغان «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىللىق تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرگە ئوخشاشلا قازاقىستاندىمۇ دىنىي ئەنئەنىلەر قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە خۇپىيانە ناماز ئۆتىشىمۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن كونترول قىلىناتتى. پەقەت 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىنلا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە مەخسۇس قارارلار، پەرمانلار قوبۇل قىلىندى. ھازىر قازاقىستاندىكى ھەر بىر مەھەللە ياكى يېزىدا دېگۈدەك بىردىن، ياكى ئىككىدىن مەسچىت-جامەلەر قەد كۆتۈردى.