كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي كرىزىس، ئىش ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ ئاقساپ قېلىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن خۇددى دۇنيانىڭ كۆپ ئەللىرىدىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىسادىي ھەم تۇرمۇش جەھەتتىن قىيىن ئەھۋاللاردا قالماقتا. بۇ سەۋەبتىن قۇربانلىق قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن. بۇنداق ئېغىر بىر پەيتتە د ئۇ ق يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى قۇربانلىق قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇنتۇمىدى.
د ئۇ ق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تۈرك ۋە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تەقدىم قىلغان قۇربانلىق ئىئانىلىرىنى تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن بۇ قېتىمقى قۇربانلىق ياردەم پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، قۇربانلىق قىلىش ۋە ئىئانە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇربانلىق قىلىش ھەر قانداق ھال ئوقىتى جايىدا، تۇرمۇشى ياخشى مۇسۇلمانغا پەرز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەرزنى ئادا قىلىمىز دەپ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىقنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسى شەرىپى بويىچە ئۈچكە بۆلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز قۇربانلىق قىلساڭلار گۆشنىڭ بىر قىسمىنى پەرزەنتلىرىڭلار بىلەن يەڭلار، يەنە بىرقىسمىنى قوشنا ۋە دوست بۇرادىرىڭلار بىلەن يەڭلار، بىر قىسمىنى كەمبەغەل، مىسكىن، قۇربانلىق قىلالمىغانلار بىلەن ئورتاقلىشىڭلار دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستە دېيىلگەنلەرگە ئاساسەن قۇربانلىق گۆشلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ».

ئىگىلىشىمىزچە د ئۇ ق گەرچە سىياسىي تەشكىلات بولسىمۇ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تۈرك، ئۇيغۇر، ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەردىن يىغقان ئىئانىلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ كېلىۋاتقانىكەن. تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى بۇ يىلمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، پاكىستان، تۈركىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز د ئۇ ق يىللاردىن بۇيان قولىدا بار تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئىئانە قىلغان قۇربانلىقلارنى ۋەتەننىڭ يولى ئېتىلمەستىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرەتتۇق. خىتاي 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىنمۇ قۇربانلىقلارنى يىغىپ تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يىلمۇ ھەم شۇنداق قىلدۇق».
د ئۇ ق نىڭ قىرغىزىستاندىكى مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى دىلمۇرات ئەكبەروف ئەپەندى د ئۇ ق ئەۋەتكەن قۇربانلىقلارنى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى رەئىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن كېيىنكى قۇربان ھېيىتلىرىدا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ قۇربانلىق قىلالمىغانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە بۇ ياردەمنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا يامراشقا باشلانغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى د ئۇ ق نىڭ يېتەكچىلىكىدە «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرغانىدى. مەزكۇر مەركەز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 160 مىڭ دوللار پۇل ئىئانە توپلاپ تارقاتقانىدى.