ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى تۇتۇلۇپ 5 يىلدىن كېيىن ئايدىڭلاشتى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن كېسىلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جازا مۇددىتىنى جەمئىيەت ۋە مەھكۇم ئائىلىسىدىن سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇتمۇ ئۇچۇرى ئىنتايىن ئاز ۋە قېيىندا ئېلىنىۋاتقان مەھكۇملاردىن بىرى. قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاشنىڭ يېقىندا خەۋەر تېپىشىچە ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدە دەلىللىنىشىچە، ئۇ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش يېقىندا دادىسىنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇ ئۇچۇرنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى ئالاھىدە يەتكۈزگەن. ئۇچۇر مەھكۇمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىشەنچلىك سانالسىمۇ، ئەمما بىۋاسىتە ئەمەس، ۋاسىتىلىك كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.

قۇربان مامۇتنىڭ خىزمەت ئورنى تەۋە بولغان ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت مەمۇرى ئورگانلىرى، ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

قۇربان مامۇت ئۇيغۇر رايوندىكى مەشھۇر شەخسلەر ئىچىدە ئۇچۇرى ئېلىنىشى قىيىن ۋە ئىنتايىن چەكلىك بولغان مەھكۇملاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئوغلى بەھرام سىنتاش، 2017-يىلدىن بۇيان دادىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى بېرىش، ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئەھۋالنى ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك نەتىجىسى بولماي كەلگەن. ئۆتكەن يىلى رادىيومىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قۇربان مامۇتنىڭ بىر خىتاي خىزمەتدىشى، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. غايىب بولۇپ 4 يىلدىن كېيىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن قۇربان مامۇتنىڭ زادى نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى يەنىلا سىر پېتى قېلىپ قالغانىدى. قۇربان مامۇتنىڭ مەزكۇر خىزمەتدىشى، ئۇنىڭ كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە ئائىلىسىدىن ئۇچۇر ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان.

بەھرام سىنتاش پەقەت ھەدىسىنىڭ ئۈندىدارىنى ۋاسىتىلىك كۆزىتىش، تونۇش-بىلىشلەر ئارقىلىق ئائىلە ئەھۋالىنى يىراقتىن سۈرۈشتە قىلىش يولى بىلەن ھەدىسى ۋە ئاپىسىنىڭ سىرتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، لېكىن دادىسى ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ يېقىندا ئېرىشكەن دادىسىنىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۇچۇرى، دادىسى تۇتۇلغاندىن كېيىنكى 5 يىللىق ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە، ئائىلىسىدىن ئالالىغان بىردىن بىر ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى خادىمۇ، قۇربان مامۇتنىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدە خەۋىرى بارلىقى، ئەمما، رەھبەرلىرىدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قۇربان مامۇتنىڭ جازا ھۆكۈمى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىنمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2017-يىلدىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇندا تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى، نوپۇسى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدىكى لاگېرلارغا يوللىغان بولسا، يەنە بىر قىسمىنىڭ سوت ئۇچۇرلىرىنى ئەسلى يۇرتىدىكى ساقچىخانىلارغا مەلۇم قىلغان. شۇڭا بىز قۇربان مامۇتنىڭ كېسىم مۇددىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۇرتى بولغان كۇچادىكى بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. قۇربان مامۇتنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئەخمەت مامۇت ۋە نۇرنىسا مامۇتنىڭ پەرزەنتلىرى ئولتۇرۇشلۇق 7-رايون تەۋەلىكىدىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى قۇربان مامۇتنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى خادىمىمۇ، قۇربان مامۇتنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما خىزمەت ئورنىغا يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قايسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەپ بەرمىدى.

يۇقىرىدا، ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.