ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىماقتا
2022.04.04

ئالدىنقى كۈنى 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مۇمۇتنىڭ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش دادىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بىر يېرىم يىلللىق جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچى 1 -تۈرمىسىدە ئۆتىگەن، نۆۋەتتە نورۋىگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، تۈرمە دوختۇرخانىسىنىڭ تۈرمىدىكى تۈزۈملىرى ئەڭ قاتتىق بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ياشانغان مەھبۇسلار ھەققىدە مەخسۇس بىر تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، بۇ مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئەكىلىشكە دەۋەت قىلدى.
ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ھەققىدە ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاشقا كەلگەن ئۇچۇردا، ئۇنىڭ «دوختۇرخانا تۈرمىسى» دە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما بۇنىڭ قانداق بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئىزاھلانمىغان. بىز قۇربان مامۇتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار قانۇن ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، قۇربان مامۇتنىڭ قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى سوراش بىلەن بىرلىكتە يەنە «دوختۇرخانا تۈرمىسى» دېگەن ئورۇننىڭ قانداق بىر جاي ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىدى.
تۈرمىدىكى ژۇرنالىست ئوغلى بەھرام سىنتاش دادىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى، جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە دادىسى بىلەن قۇرداش مەھكۇملارنىڭ بېشىغا كەلگەن تالاپەتلەرنى كۆزدە تۇتقۇن ھالدا، دادىسىنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەنەدىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئىلگىرى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى، قەشقەردە تۇنجى قۇرۇلغان بىر لاگېرنىڭ كېيىنچە مەھبۇسلار داۋالىنىدىغان ئورۇنغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە، مۇشۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىغانلىقى، ھەرگىز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئىلگىرى ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە بىر يېرىم جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ چىققان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، «تۈرمە دوختۇرخانىسى» ۋە «دوختۇرخانا تۈرمىسى» دېگەنلەرنىڭ پەقەت تەرجىمىدىكى پەرق ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۈرمە دوختۇرخانىسىدا مەھبۇسلار كارىۋاتقا كويزىلانغان ھالەتتە داۋالىنىدىكەن، بۇ يەردە نازارەت ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن. مەھبۇسلار ئادەتتە خېلى قاتتىق ئاغرىپ قالغان ئەھۋالدىمۇ بۇ دوختۇرخانىغا بېرىشنى خالىمايدىكەن. شۇڭا ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ قۇربان مامۇتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمىمۇ، قۇربان مامۇت تۇرۇۋاتقان تۈرمە دوختۇرخانىسى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ پەرەز قىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قېيىن بولۇپ، ئۇلار تۈرمىدە بېسىپ ئۆتكەن ھايات يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەۋەبىدىن، ئۇلاردىن ئاتالمىش «جىنايەتلەر» كۆپ تېپىلغان ۋە كۆپ سوراققا تارتىغاندىن باشقا يەنە ياشلىرىنىڭ چوڭ، سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلى تۈرمە ۋە لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ياتاق-تاماق شارائىتلىرىدىكى ناچارلىققا بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىسىز ئىكەن. شۇڭا ئۇ ئامېرىكانىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە ئابلىمىت داموللاملارنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق مەلۇم قىلغان ئىكەن.
بەھرام سىنتاشمۇ يازغۇچى نۇرمەمەت توختى قاتارلىق دادىسى بىلەن دېمەتلىك مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئەسلىگىنىدە، ئۆزىنى ۋەھىمە باسىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ياشانغان مەھبۇسلار ھەققىدە مەخسۇس تىزىملىك تۇرغۇزۇپ خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئەكىلىشكە دەۋەت قىلدى.