ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ پېنسىيىگە چىققان سابىق باش مۇھەررىرى، ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىدى. 22- ۋە 23-دېكابىر كۈنلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى، ئۇيغۇر ھەركىتى قاتارلىق چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ تۋىتتېر، فېيسبۇك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى، ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇزلۇق ژورنال بولغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ ئۇزۇن يىللىق سابىق باش مۇھەررىرى ئىدى. ئۇ 2017-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاشنى يوقلاپ، بىر ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. 2017-يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان. ژۇرنالىست قۇربان مامۇت تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي كەلدى. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رەسمىي دەلىللەپ، خەۋەر ئېلان قىلدى.
ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 2017-يىلى 12-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن. بەھرام سىنتاش 23-دېكابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
بەھرامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2017-يىلى 12-ئايدا دادىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. شۇندىن كېيىن تاكى 2020-يىلى بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز پۇرسەتتە ھەدىسى ۋە ئاپىسى بىلەن 10 مىنۇت ئەراپىدا تېلىفوندا سۆزلىشىش پۇرسىتى بولغان. ئەمما ئۇ دادىسىنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە باشقا ھىچقانداق يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، شائىر، تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى كۇچا ناھىيەسى بېھىشباغ يېزا بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن يىللاردا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدىكى سەرخىل قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەققىدىكى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرىنى تاللاپ، مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا نەشر قىلىنىپ كەلگەن. بۇ ژۇرنال 1951-يىلى «ئاممىۋى كۇلۇب» دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنىشقا باشلاپ، 1980-يىلىغا كەلگەندە نامى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن، بۇ ژورنالدا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كېلىنگەن. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئاز بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇشۇ ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
ئەپسۇس، قۇربان مامۇت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق مېھنىتى سىڭگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيتى تەتقىقاتىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان بۇ قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژورنال، 2018-يىلىغا كەلگەندە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرچە ژۇرناللار بىلەن بىر قاتاردا نەشر قىلىنىشتىن توختىتىلغان.
ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان، ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان، ھازىر تۈركىيە سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك تارىخى بويىچە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر ئەبكارلىرىنى ۋە ئەدىبلەرنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، ئادىل تۇنىياز ۋە يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان داڭلىق قەلەمكەشلەرنى دەسلەپ «تەربىيىلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا سولىغان، كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا تۈرلۈك قاماق جازالىرى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ژورنالىست قۇربان مامۇتقا ئوخشاش يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەي كەلدى. بۇ ئەھۋال خالقئاردا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشەلەرنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.