خىتاي تەشۋىقاتچىسى قۇربان نىياز خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر دوپپىسىدىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.03.22
Qurban-Niyaz-Doppa-1.jpg قۇربان نىياز مۇخبىرلارغا خىتايچە خەت، خىتايچە يامبۇ ئۆرنەكلىرى چۈشۈرۈلگەن دوپپىلارنى تونۇشتۇرماقتا.
RFA/Screenshot from Douyin

2003-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا خىتاي تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرغان قۇربان نىياز، ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى خىتاي كلاسسىك مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق پروگراممىلاشنىڭ نەمۇنىسىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي تەشۋىقات ماشىنىلىرى ئارقىلىق سىياسىي سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان قۇربان نىياز قەدەممۇ-قەدەم يوقىرى ئۆرلەپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى يەنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشنىڭ جارچىسىغا ئايلانغانىدى. ئارىدىن 20 يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يەنە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» دا ئاتالمىش» جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى «نى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ھەتتا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باش كىيىمى بولغان دوپپىلاردىمۇ ئەكس-ئەتتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان.

قۇربان نىياز كۇڭزى تالىپلىرىچە كىيىنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن.
قۇربان نىياز كۇڭزى تالىپلىرىچە كىيىنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن.
ts.cn

قۇربان نىياز بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» دىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، چۆچەك قاتارلىق جايلىرىدا ئاممىغا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ، بۇ دوكلاتلىرىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى «نى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر ھاياتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈش ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قۇربان نىياز ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايچە خەت، خىتايچە يامبۇ ئۆرنەكلىرى چۈشۈرۈلگەن بىر دۆۋە رەڭدار دوپپىلار قويۇلغان سەھنىدە قۇربان نىياز مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ بىيپايان چېگرا رايونلىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخ مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە يېزىپ قالدۇرغان، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتقان، شۇنداقلا ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھىمۇ بىرلىكتە يارىتىلغان.»

خەۋەردە دىيىلىشىچە، قىزىل ئاكتىپ قۇربان يەنە ئاتالمىش» جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى مەكتەپ بالىلىرىدىن تارتىپ ئائىلىلەرگىچە سىڭدۈرۈشنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە قولىدىكى خىتايچە ئۆرنەكلەر كەشتىلەنگەن دوپپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ھەتتا ئۇيغۇر دوپپىلىرىغىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇشۇ خىلدىكى ئۆرنەكلەرنى كەشتىلەشنى، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىيىنىش ۋە روھىي ھالىتىدىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى «نىڭ ئەكس ئەتتۈرۈرۈلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتايچە يامبۇ ئۆرنەكلىرى چۈشۈرۈلگەن «قۇربان دوپپىلىرى».
خىتايچە يامبۇ ئۆرنەكلىرى چۈشۈرۈلگەن «قۇربان دوپپىلىرى».
RFA/Screenshot from Douyin

قۇربان نىيازنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش تەشەببۇسى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا سەۋەب بولغان.

خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئىنكاسلاردا نارازىلىق كەيپىياتلىرى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىدە «ئانا تىلىمىز خەنزۇچە، ئەمدى مەدەنىيىتىمىزمۇ خەنزۇچە بولامدۇ؟ ئىسىت، ئىسىت!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتۇر گۈلنار ئېزىز خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇربان نىيازنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈش تەشەببۇسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئۇ، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان دوپپا ھەققىدە توختىلىپ، ئۇزۇن يىللىق تارخىقا ئىگە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ كەلگەن 50 نەچچە خىل شەكلى بارلىقىنى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ھەر بىر شەكلىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ۋە سىمۋوللۇق بەلگىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

گۈلنار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىكى ئۆرنەكلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت تەۋەلىكى، يەرلىك مەدەنىيىتى، جىنىس ئايرىمىسى، ياش قۇرامى، سالاھىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئىپادىلەنگەن ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىياز تەشەببۇس قىلغاندەك، قانداقتۇر بىر كېچىدىلا خىتاي مەدەنىيىتى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن «سىياسىي دوپپا» غا ئايلاندۇرۇش تەشۋىقاتى، ئەمەلىيەتتە قىپ-قىزىل بىمەنە سەپسەتەدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قۇربان نىيازغا ئوخشاش سىياسىي تەشۋىقاتچىلارنى ئالدىغا چىقىرىش ۋە ئۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى نۇقتىدىن سۆزلىتىش پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىگە خاس بولغان سىياسىي تاكتىكا ئىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز قوللىنىپ كېلىۋاتقان كونا ۋاستىلارنىڭ بىرى. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلۈكىدىن خىتايلىشىشنى قوبۇل قىلغان بىر ئۈلگىنى ياساپ چىققان. ئۇلار بۇ خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەجبۇرلاش تۈسىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. ئاندىن بۇنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلدى، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت قوبۇل قىلىشنىڭ ئەسلى تەبىئى ۋە ئىختىيارىي رەۋىشتە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «ئەسلىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت جەريانىدا تەبىئىي ھالدا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى نورمال بىر ئەھۋال. بۇلار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى ئاساسىدا بولىدۇ. ئەمما ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقىنى ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› نامىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدۇر.»

خۇ پىڭ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقماقتا. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرىغا خىتايچە ئۆرنەكلەرنى چۈشۈرىدىغان ھېكايىلەرنى بۇ ئادەمگە سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن مۇشۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. بۇنداق قىلغاندا خىتاي كومپارتىيەسى باشقا كىشىلەرگىمۇ بۇ خىل ۋاستىنى قوللىنالايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزى بىر خىل مەجبۇرلاش ۋاستىسى. مانا بۇ ئەڭ ھالقىلىق بىر نۇقتا.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىر تەرەپتىن ‹جۇڭخۇا مەدەنىيىتى› نامىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تاڭماقتا. مانا بۇ بىز دەۋاتقان مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقۇتۇشتۇر. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىچىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ دەل ئۆزى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنى ئاشكارا يۈرگۈزگەندە قارشىلىق ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلارنى توقۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلانغان خىتايپەرەست قۇربان نىيازنىڭ تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.