بىز ئۆتكەن ھەپتە خەۋىرىنى بەرگەن مارالبېشى بازار ئىچىدىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن قۇربان نۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ لاگېردىن جازا مۇددىتى توشۇپ ئەمەس، بەلكى كۆزىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قېلىشىغا لاگېردا تېخىچە 45 كىشىنىڭ بىر ياتاقتا تۇرۇشى ۋە ئاز ھاۋالاندۇرۇش قاتارلىق ناچار شارائىتلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
مارالبېشى سېرىقبويا بازارلىق ئامانلىق مۇدىرى تۇتقۇن قۇربان نۇرنىڭ 2 يىل 2 ئايلىق جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، ئۇنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ ئەمەس، بەلكى كۆزىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ لاگېردىكى مەشغۇلاتلارغا ماسلىشالمىغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.
تېلېفونىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى قۇربان نۇر قويۇپ بېرىلگەندە كۆزى ئاساسەن كۆرمەيدىغان ھالەتتە چىققانلىقى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن ئاۋۋال ئەسلىدە كۆزىدە ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان قۇربان نۇر، دوختۇرخانىدا بىر ھەپتىچە كۆزىنى داۋالاتقان ۋە ئۇنىڭغا كۆز تومۇرى قۇرۇپ كەتكەنلىك دىياگنوزى قويۇلغان.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، لاگېرلاردا دەسلەپكى مەزگىللەردە كۆپ ساندا كىشىنىڭ كىچىك بىر كامېردا قىستىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ھەتتا تۇتقۇنلارنىڭ ئورۇننىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن كېچىلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۇخلايدىغانلىقى، كېيىنچە چوڭ كۆلەملىك لاگېرلار سېلىنغاندىن كېيىن، ئورۇن قىسلىقى يۈز بەرمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى مارالبېشىدىكى لاگېرلاردا يەنىلا كۆپ ساندا كىشىنىڭ بىر ياتاقتا يېتىۋاتقانلىقى، بۇ ياتاقلاردا دېرىزە يوقلۇقى ۋە ياكى كىچىكلىكى سەۋەبىدىن، ياتاقلارغا كۈن نۇرى چۈشمەيدىغانلىقى، بۇ ياتاقلاردا ئۇزۇن ياتقان تۇتقۇنلارنىڭ كۆزىدە مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، قۇربان نۇرنىڭ مارالبېشىدىكى لاگېردا 15 كىشى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما مارالبېشىنىڭ سېرىقبويا بازارلىق ساقچىخانا خادىمى، قۇربان نۇرنىڭ يېڭى بارغاندا 25 كىشى بىلەن، قويۇپ بېرىلىشنىڭ ئالدىدا، 45 كىشى بىلەن بىر ياتاقتا (كامىردا) ياتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مارالبېشىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانا خادىمى، قۇربان نۇرنىڭ كۆزىدىن مەسىلە چىقىپ دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆز زەخمىسىنىڭ لاگېرنىڭ مۇھىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا يېقىنقى يىللاردا لاگېر ۋە تۈرمىدىن چىققانلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زەئىپ ھالەتتە ئىكەنلىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشتىكى سۈرەتلەردىن مەلۇم بولغان ئىدى. يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كورلا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان «قاچقۇن جىنايەتچى» ماخمۇت مويدىننىڭ تۈرمىدىكى چىدىغۇسىز ئازاب ۋە ئۆلۈم خەۋپى سەۋەبلىك تۈرمىدىن قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن قۇربان نۇرنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ ئەمەس، بەلكى كۈزى ئاجىزلىشىپ كېتىپ «تەربىيەلەش» كە ماسلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن، قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.