ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قارمىقىدا «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىگە بولغان باستۇرۇشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە چاقىرىقى ئاستىدا ئىلمىي پائالىيەتلەرنى كۈنسايىن كۈچەيتمەكتە.

21-مارت، يەنى نورۇز بايرىمى كۈنى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەركىبىدە «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى 2020-يىلى 19-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نىزامنامىسىنىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەنىڭ رەئىسى پروفەسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى مۇھاجىرەتتە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان كۆچمەنلىرىمىز، ۋە چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىۋاتقان يۇرت سېغىنىشىمىز بىزگە ئۆزىمىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى، ئۆز ئىچىمىزدە بىرلىك ۋە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىققا جىددىي ئېھتىياجىمىزنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئالىملىرىمىزنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ساھەلەردە ياشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئەڭ ياخشى شەكىلدە خىزمەت قىلىش ئارزۇلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. ‹قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى› مىز مانا شۇ ئېھتىياج ۋە ئارزۇنىڭ بىرلىكىدىن قۇرۇلدى.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەت «قۇتادغۇ بىلىگ» نى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى ۋە ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ساھەلىرىگە يېڭى بىر ئەۋلاد ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئىنستىتۇت نامىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ قويۇلغانلىقىنى ئىزاھلاپ، مۇنداق دېدى: «‹قۇتادغۇ بىلىگ› دېگەن بۇ نام تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان قاراخانىلار ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مېۋىسىنىڭ ئىسمىدۇر. گەرچە ئىنستىتۇتىمىزدىكى ئالىملار مەخسۇس ‹قۇتادغۇ بىلىگ› تەتقىقاتچىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەسەردە مۇجەسسەم بولغان ھەر ساھە بىلىملىرى بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىزنى ئىپادىلىگەچكە، بۇ تولىمۇ قىممەتلىك نامنى بىرلىك سىمۋولىمىز سۈپىتىدە تاللاشقا جۈرئەت قىلدۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلار، تىل تەتقىقاتچىلىرى، يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مۇتەخەسسىسلىرىگە بولغان بېسىمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تونۇلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ھېچ قانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى. 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ بېرىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى كۈنسېرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرۇلغىنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابلەت سەمەت ئەپەندىمنىڭ بىزگە يولاپ بەرگەن خىزمەت نىشانىدا ئېيتىلىشىچە، «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتەى» نىڭ نىشانى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆز ئالدىغا خىزمەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پېشقەدەم ۋە ياش ئالىملارغا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئىلىم ساھەسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش؛ ئوخشاش ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملارنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تەشكىللىك ۋە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش؛ مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نەشر قىلىش ۋە قەرەللىك، قەرەلسىز كۇرسلار ئېچىپ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بىر گۇرۇپپا ياشلارنى يېتىشتۈرۈش ئىكەن.

ئاخىرىدا «قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى، تۈركولوگ ئابلەت سەمەت ئىنستىتۇتنىڭ قۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى بىلەن كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلدى.