بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇياش ئېنىرگىيە ماتېرىياللىرىنى چەكلەش قارارىغا كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-23
Share
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىگە يوشۇرۇنغان مەجبۇرىي ئەمگەك چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 8-ماي، قۇمۇل. ياۋروپا ئىتتىپاقى 47% تاموژنا بېجى بىلەن خىتايدىن ئىمپورت قىلىش تەكلىپى بەرگەن.
AFP

بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىرىلغان قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنىڭ كۆپ كرستاللىق كرىمنېينى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق خام ماتېريالللىرىنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىغا كېلىپ قالغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئ‍ىگىرى سۈرۈشىچە، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى «شىنجاڭ دائىرىلىرى» نىڭ پاختىدىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىرىلغان پاختا، پەمىدۇر ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىدىن كېيىنكى تەسىرى چوڭ مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بولىدىكەن.

«پولىتىكو»، يەنە «سىياسات» ژورنىلىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا قۇياش ئېنىرگىيەسى ساھەسىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىدىن خەۋەردار 4 كىشى پرېزىدېنت بايدېننىڭ كۆپ كرىستاللىق كرىمنېينى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ماتېرىياللىرىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى دىگۈدەك خىتاي ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق خام ئەشياسى بولۇپ، خىتايدا ئىشلەپچىرىلغان كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. گېرمانىيەىدىكى «برېنريۇتېر تەتقىقەت ئورنى» ناملىق خەلقئارا قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى بازىرى ئانالىز مەركىزىنىڭ دېرىكتورى جوھاننېس برېنريۇتېر، خىتاينىڭ قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بىر قانچە مەسىلە مەۋجۇت ئ‍ىكەن.

جوھاننېس برېنريۇتېر 22-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەيدىغان كۆپ كىرىستاللىق كرىمنېينىڭ خام ماددىسى كرىمنېي مېتالى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كرىمنېي مېتالى ئىشلەپچىقىرىدىغان ‹خوشىن كرىمنېي شىركىتى› شىنجاڭغا جايلاشقان. دۇنيادىكى 8 چوڭ كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي زاۋۇتىنىڭ ھەممىسى ‹خوشىن كرىمنېي شىركىتى› نىڭ خېرىدارى. بۇ چوڭ مەسىلە بولسىمۇ، بىراق دىققەت قوزغىماي كەلدى. بۇرۇن باشقا دۆلەتلەردىكى كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي زاۋۇتلىرىمۇ ‹خوشىن كرىمنېي شىركىتى› نىڭ خېرىدارى ئىدى. بىراق ھازىرمۇ شۇنداقمۇ، بۇنى بىلمەيمەن.»

جوھاننېس برېنريۇتېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى «خوشىن كرىمنېي شېركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپى مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق ئ‍ىكەن.

جوھاننېس برېنريۇتېر يەنە مۇنداق دېدى: «خېشىڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى بىر زاۋۇتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئېنىق، بۇ 1-مەسىلە. كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىكى 2-مەسىلە بولسا ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا 4 كرىمنېي زاۋۇتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە قالغان ئۈچىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق. بۇ 4 زاۋۇت 2020-يىلى دۇنيا كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ 45 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقارغان.»

بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلپچىرىلغان كۆپ كرىستانللىق كرىمنېي مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى چەكلەش توغرىسىدا قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان مەزگلدە بۇ قارارغا كەلگەن. يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 24 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئامېرىكانىڭ ئالاقىدار قانۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي مەھسۇلاتىنى تۇتۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى «كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرى ئەمگەكنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت يېتەرلىك دەلىللەر بارلىقى»، ئۇنىڭ ئامېرىكا «1930-يىلى چىقارغان تاموژنا قانۇنىنىڭ 307-ماددىسىكى بەلگىلىمىلەردىن ھالقىپ كەتكەنلىكى» تەكىتلەنگەن. مەكتۇپتا يەنە «تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى دەرھال قانۇنلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنى چەكلىشى كېرەك،» دېيىلگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا پرېزىدېنت بايدېننىڭ كېلىمات ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەرىي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىككولنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «بۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر مەسىلە ئ‍ىكەنلىكى، شىنجاڭ ئۆلكىسى بىر قىسىم قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى» بىلدۈرگەن.

جون كەرىي يەنە «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نىشانلىق جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزۈش-يۈرگۈزمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

«سىياسەت» ژورنىلىنىڭ خەۋىرى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئ‍ېلىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋنىڭ ئېيتىشىچە، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىغا ئالاقىدار سىياسەت ئالاھىدە مۇھىم قارار ئ‍ىكەن.

ئۇ 22-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «بۇ پەۋقۇلئاددە مۇھىم سىياسى قارار. بىز بۇنىڭغا ئائىت كۈچلۈك دەلىللەر شۇنداقلا ئىنتايىن كۈچلۈك ھۆججەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. قۇياش ئېنىرگىيە سانائېىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ ئارىلىشىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاباھەتلىك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگىمۇ ئارلاشقانلىقى مەلۇم.»

لۇئىسا گرېۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، «شىنجاڭ دائىرىلىرى» كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئ‍ادالەتسىز سودا رىقابىتى ياراتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋلدا باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭ بىلەن نورمال سودا ئالاقىسى قىلماسلىقى كېرەك ئ‍ىكەن.

لۇئىسا گرېۋ يەنە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پىلانى ئېغىر دەرىجىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە تايانغان. كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز ئەمگەككە سېلىش مۇتلەق رەۋىشتە ئادالەتسىز سودا رىقابىتى بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ توغرىسىدا قانۇنى بار. ئۇنىڭدا بۇنىڭ ئادالەتسىز سودا رىقابىتى ئ‍ىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تايىنىشى خاتا. پۈتۈن دۇنيا بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلەن نورمال سودا ئالاقىسى قىلماسلىقى كېرەك.»

مۇتەخەسىسسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە دۇچ كېلىۋتقان يەنە بىر قىيىنچىلىق بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بۇنىڭ قۇياش ئېنىرگىيە بازارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىكەن. گېرمانىيەلىك بازار ئانالىزچىسى جوھاننېس برېنرىيۇتېر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ كرىستاللىق كرىمېي مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «3-بىر مەسىلە قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئ‍ىشلەپچىقارغۇچىلار ئاساسەن خىتايغا مەركەزلەشكەن. قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي قېتىشمىسىنى ئېرىتىشتە ئوخشىمىغان تەمىنات زەنجىرلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ زەنجىردىكى مەھسۇلات بولسا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىگە مەلۇم شەكىلدە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆپ كرىستاللىق كرىمىنېي قوشۇلغان. چۈنكى بۇ باشقا ماتېرىياللار بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن. مانا تەمىنات زەنجىرىدىكى 3-بىر مەسىلە.»

مۇتەخەسىسسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەرزان باھالىق كۆمۈر ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى دۇنيادىكى كۆپ كرىستاللىق كرىمنېي ئ‍ىشلەپچىقىرىشىنىڭ بۇ رايونغا مەركەزلىشىپ قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئ‍ىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلدىن كېيىن «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن كۆمۈر ئېلىكتىر ئ‍ستانسىسىلىرىنى قۇرغان.

بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىشنىڭ ئ‍الدىدا ئۇيغۇرلار رايونى دۇنيادىكى ئېلكتىر ئېنىرگىيەسى ئەڭ ئەرزان رايونغا ئايلىنىپ، قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى كارخانىلىرىنى ئۆز ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن زاۋۇت-كارخانىلار بۇ رايونغا كۆچۈپ چىققان.

«سىياسەت» ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىش-قويۇپ بېرىش مېخانىزىمىنى ئىشلىتىدىكەن. مەزكۇر مېخانىزىمدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىغا مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغان گۇمانلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا پورتلىرىدا تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدىن خەۋەردار بەزى ئەربابلار مەزكۇر چەكلەشنىڭ رايوندىكى كونكىرېت زاۋۇت ۋە كارخانىلارغا قارىتا نىشانلىق ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت