قۇززات ئالتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نۇتقى بىكار قىلىنغان

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش شتابى جەنۋەدە 9-سېنتەبىردىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر ئومۇمىي يىغىننىڭ 16-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان 3-باسقۇچلۇق يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئىككى كۈندىن بۇيانقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن، بۇ مۇھىم دۇنياۋى كۆزنەكتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت بېرىلگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلاردا زور ئۈمىدلەر پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۈگۈن يەنى، 16-سېنتەبىر قۇززات ئالتاي ئەپەندى فەيسىبوك قاتارلىقلاردا، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى ئالدىدىن سىنلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا 10 سائەتمۇ قالمىغان بىر پەيتتە نۇتقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئەمما بىكار قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز قۇززات ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق، قۇززات ئەپەندى، ساناقلىق سائەتلەر قالغان بىر پەيتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىگە ئىككى ئايلىق تەييارلىق ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن بېكىتكەن 90 سېكۇنتلۇق سۆز ھوقۇقىنىمۇ سەۋەبسىز بىكار قىلىشىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى:

قۇززات ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ھەر تۈلۈك تەسىرلىرىگە ئۇچراپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرمايۋاتقان بىر ئورۇنغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن مەلۇماتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقئارالىق سەھنىدە، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان شۇنداقلا ئاۋازى بوغۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن سۆز قىلىشنى يەنىلا مۇھىم پۇرسەت دەپ قارىغان. قۇززات ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆزەتكۈچىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئەنگلىيەدىكى مەلۇم تەشكىلاتنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ۋە رەسمىي نۇتۇق سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 90 سېكۇنتلۇق نۇتقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان جازا لاگېرلىرىنى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ دۇنيانى ئالدىشىغا رەددىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇززات ئەپەندىنىڭ نۇتقىنىڭ تۇيۇقسىز بىكار قىلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ بۇ ئورگاننىڭ مېدىئا ئالاقە ئىشخانىسىغا ئېلخەت يازغان بولساقمۇ تېخى جاۋاب كەلمىدى. ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى شتابىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى ئالغان خادىم، ئۆزلىرىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغاچقا ئەھۋالدىن تېخى مەلۇماتى يوقلىغىنى، ئۆزلىرىنىڭ جەنۋە بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

42-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى باشلىنىشقا ئاز كۈن قالغان پەيتلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەلچىلىكلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرىنىڭ جۈملىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچى ئورگان دەپ تىزىملانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ «سىياسىي تارمىقى» ئىكەنلىكى، دولقۇن ئەيسانىڭ بولسا خەلقئارالىق ساقچى ئورگىنى «ئىنتېرپول تەرىپىدىن قىزىل بەلگە قويۇلغان تېررورچى» دەپ تەرغىب قىلغانلىقى پاش بولغانىدى، بۇنىڭغا قارشى 27-ئاۋغۇست كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جىددىي بايانات بېرىپ، ئەمەلىيەتتە 2018-يىلى خەلقئارالىق ساقچى ئورگىنى ئىنتېرپولنىڭ دولقۇن ئەيساغا قويۇلغان قىزىل بەلگىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەنىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42 نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى يىغىنغا غەلىبىلىك قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گەرچە ئۆزى بۇ قېتىممۇ يىغىنغا قاتنىشىشىغا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما قۇززات ئەپەندىگە بېرىلگەن نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن ھەيران بولغانلىقى ۋە بۇ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 6‏-ئايدا، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بار 100 نەچچە تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا دائىر بىر شىكايەتكە ئىمزا قويۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تاپشۇرغان. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قائىدىسىدە كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلارنىڭ رەسمىي شىكايىتى ئۇنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەركىزى جەنۋەدىكى «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ باشچىلىقىدا يوللانغان بۇ شىكايەتنى ئۆزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يىل 8‏-ئايدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلىتقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى زومىگەرلىكىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 135 تەشكىلات ئىمزا قويغان شىكايەتنامىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېت خىتاينىڭ ب د ت قائىدە-تۈزۈملىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ب د ت دا كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشىغا كاشىلا چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەشكە چاقىرىلغانىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ب د ت غا ئەڭ كۆپ پۇل بېرىۋاتقان دۆلەت بولۇشى سەۋەبلىك بۇ ئورگاننى سۇيىئىستېمال قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، ب د ت مۇ خىتاي ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە قارشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرالماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، «مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلات ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت بىر ئورگان بولۇشىغا قارىماي دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇھىم ئورۇن» دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى بۇ ئورگاندىكى مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە، پۇرسەتلەردىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىردى.