خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن نەۋرىسى ئايدىدار قاھار بىلەن ئىنىسى مەمەتجان قادىرنى ئېكراندا سۆزلەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئەمما رابىيە خانىمنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدا سىڭىللىرى ئارزۇگۈل قادىر ۋە خەلچەم قادىر قېتىلىپ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن جەمئىي 38 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئارزۇگۈل قادىرنىڭ 2017-يىلى 9 -ئايدا لاگېردىن چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى..
رابىيە قادىر خانىمنىڭ نەۋرىسى ئايدىدار قاھار ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي ئاخباراتىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيوغا قارشى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. شۇ چاغدا رابىيە خانىم، يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان بۇ نەۋرىسىنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ نۇقتىلىق ئاخباراتلىرىدا پىكىر بايان قىلغۇدەك «ئەركىن» ۋە «جاسارەتلىك» بولۇپ كەتكىنىگە سوئال قويغان ۋە خىتاي تەرەپنى تەشۋىقاتچىلىقتىكى بۇنداق ئاددىي ۋە يالىڭاچ ئويۇنلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان. رابىيە خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ئاز دېگەندە 38 نەپەر كىشى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە بولۇپ، بۇلاردىن ئىنىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر بىلەن ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم قاتارلىق بەش نەپىرى سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەندىلا قويۇپ بېرىلگەن.
رابىيە خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئارزۇگۈل قادىر بىلەن ئالاقىسى 2014-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈزۈلگەن، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بىز شۇ يىلى ئارزۇگۈل قادىرنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى دەلىللەش ئۈچۈن كۇچادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىگەن ۋە بېرەلمىگەنىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كۇچا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسلىدە كۇچا ناھىيەلىك يېمەك-ئىچمەك ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى بولغان ئارزۇگۈل قادىر، ھاياتىدا تۇنجى قېتىم 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان ۋە بىر ئايچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. بۇ چاغ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ قوزغاتقۇچىسى سۈپىتىدە تەنقىدلەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، شۇ چاغدا ئۇنىڭ نېمە دەپ چاقىرتىلىپ، نېمە دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. يەنە شۇ كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئارزۇگۈل قادىر 2014-يىلى 6-ئايدا ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى دولقۇن قوزغالغان، بىر نۆۋەت كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلىنىپ داغدۇغىلىق ئاممىۋى ئوچۇق سوتلار ئېچىلغان ۋە تۇتقۇنلار ئومۇميۈزلۈك كېسىلگەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. دېيىلىشىچە، ئارزۇگۈل قادىر ئىككىنچى قېتىملىق تۇتۇلۇشىدا، بىر يىلچە قاماقتا ياتقاندىن كېيىن، 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى قويۇپ بېرىلگەن. بۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ قانداق باھانە بىلەن تۇتۇلۇپ يەنە قانداق بىر تۈرتكە بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بۇ كىشى ئارزۇگۈل قادىرنىڭ كۇچا ناھىيە بازىرىدىكى ساقساق ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە دۆڭمەھەللە ساقچىخانا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ساقساقتىكى ئالاقىدار خادىملارمۇ، ئارزۇگۈل قادىرنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
كۇچا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىم، ئارزۇگۈل قادىرنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقى ھەققىدە ئۆزلىرىگە بىر قېتىم ئىنكاس كەلگەنلىكىنى ۋە ئىنكاستا ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى ھەققىدە ئۇچۇر سورالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئارقىدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ۋاز كەچتى.
رابىيە خانىمنىڭ دېيىشىچە، سىڭلىسى ئارزۇگۈل قادىر تاكى 2014-يىلىغا قەدەر، ساقچىلار ھەرقانچە تەھدىت قىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ بۇ تېلېفونلار سەۋەبلىك كۆپ قېتىملاپ ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان ۋە ياكى ئۆيىگە بېسىپ كېرىلىپ ئۆي ئىچى ئاختۇرۇلغان. ئارزۇگۈلنىڭ بېشىدىن ئاۋارىچىلىك كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئۇنى ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ ئەكەتكەن؛ ئەمما كۇچا ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە 3 ئايدىن ئارتۇق تۇرۇشىغا رۇخسەت يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ كۇچاغا ياندۇرۇپ ئەكەلگەن.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئارزۇگۈل قادىر 2017-يىلى 2-ئايدا 69 يېشىدا 3-قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۇتۇلۇشىدا، سوئال-سوراق، قىيىن-قىستاقنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن. تەن-سالامەتلىكىدە تۇيۇقسىز ۋە تېز چېكىنىش يۈز بېرىپ جىسمانىي كۈچى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىدىن قالغان. ئۇ لاگېرنىڭ تۈزۈم ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلىرىغا ماسلىشالمىغاندىن كېيىن ساقچىلار، ئۇنى يېتىقتىكى ھالەتتە ساقساق ئاھالىلەر كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. كومىتېت ئۇنى كۇچا ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇلغان.
كۇچا بازارلىق ساقچى خادىمى، ئارزۇگۈل قادىرنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ ئارزۇگۈل قادىر ياشتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ بىرمۇنچە «خاتالىق» لىرى بولسىمۇ «تەربىيەلەش» تىن قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە ئەمما سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە بولغاچقا، داۋالاشنىڭ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن قوشۇپ جازالاش تەدبىرىنىڭ ئىنساندارچىلىق قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى، بۇ تەدبىرنىڭ بىر دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ يىقىلىشقا مەھكۇملۇقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىر ئەمەسلىكى، شۇڭا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى بۇ خىل بەدەللەرنى تۆلەشكە روھىي جەھەتتىن تەييار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ چوڭ سىڭلىسى ئارزۇگۈل قادىرنىڭ 69 يېشىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە 7 ئايچە لاگېردا ياتقاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.