گلۇكسمان: «مەن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قورال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن»

گلۇكسمان: «مەن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قورال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن» گلۇكسمان: «مەن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قورال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن»

ياۋروپا پارلامېنتى قاراپ چىقىۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» ھەققىدە توختالغان رافائىل گلۇكسمان، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فۇنكسىيىسەگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رافائىل گلۇكسمان زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمى، ياۋروپا پارلامېنتى قاراپ چىقىۋاتقان قانۇننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئەگەر خىتاي ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىنى ئىستىمەيدىكەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشى كېرەك، دېدى.