ئەقىدە پولات: «ئاپام راھىلە داۋۇتنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق، مەن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمەن»

0:00 / 0:00

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۈچ يىلدىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.

1-ئاپرېل كۈنى «سۇب چاينا» تورىدا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى داررېن بايلېر تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر قىزى يۇقۇم مەزگىلىدە تۇغۇلغان كۈنىنى يېگانە ئۆتكۈزدى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شتاتى سىياتۇل شەھىرىدىكى قىزى ئەقىدە پولات زىيارەت قىلىنغان. ماقالىدە ئەقىدەنىڭ ئاپىسى راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى تەسىرلىك ئەسلىمىلىرى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىگە خەلقئارانىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى شۇنداقلا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ دېلوغا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئەقىدە پولات 2-ئاپرېل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسى راھىلە داۋۇت ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرى ۋە ئاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئەقىدە پولاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپىسى تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىش، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

ئەقىدە يەنە ئاپىسى راھىلە داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش 3 يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى

ئەقىدەنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان سەرخىللەرنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلاردىكى مىللى كىملىك ئېڭىنى بەربات قىلىش ئىكەن.

ئەقىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمەسلىكىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تۇتقۇندىكى زىيالىيلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2018-يىلدىن بۇيان راھىلە داۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىش، بايانات ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە داۋۇت قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ سانى 400 دىن ئاشقان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا ۋە باشقا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.