ئالىمجان ئىنايەت: «راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان سۇيىقەستتۇر»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.05.25
ئالىمجان ئىنايەت: «راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان سۇيىقەستتۇر» مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور راھىلە داۋۇت مازار تەتقىقاتى قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە.
Lisa Ross

پروفېسسور راھىلە داۋۇت مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ، 2017-يىلى دېكابىر ئېيىدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

رادىيومىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قوماندانلىق مەركىزىدىن ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا راھىلە داۋۇتنىڭ ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق داڭلىق پروفېسسورلار بىلەن بىر قاتاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقنى دەلىللىگەنىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن يىلى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە راھىلە داۋۇتنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىش جەريانىدا تونۇشقان چەتئەللىك ئالىملار ھەم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان، دەپ گۇمان قىلىشماقتا. راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر مازار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلاردىن فولكلور كەسپىدە تۇنجى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇرلاردىكى مازار مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلارغا ۋە خەلقئارادىكى فولكلور تەتقىقاتچىلىرىغا ناھايىتى تونۇشلۇق. بۇ ئەسەر ئەسلىدە راھىلە داۋۇتنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ئۈچۈن يازغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى بولۇپ، بىرىنچى نۇسخىسى خىتايچە نەشر قىلىنغان. كېيىن ئۇ مۇشۇ دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئاساسىدا مەزمۇنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ھەم تولۇقلاپ، «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب 2001-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

«ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ راھىلە داۋۇتنىڭ جاپالىق ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان بىر ئىلمىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىگە يازغان مۇنۇ قۇرلىرىدىن روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: «مازار ئۈچۈن دەشت-چۆللەرنى كەزدىم، شەيخلەرنىڭ يېگانە كەپىلىرىدە ئۇلار بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەردە بولدۇم. چوڭ تىپتىكى مازار پائالىيەتلىرىگە خەلقنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى، ھېسسىياتىنى تىڭشىدىم، چېلىشىش، مەدداھلىق، توخۇ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش سورۇنلىرىدا قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم».

راھىلە داۋۇتنى ئالىي مەكتەپ ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ تونۇيدىغان، كېيىن كەسىپداش بولۇپ بىللە ئىشلىگەن ۋە قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان يېقىن دوستى، ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق مېھراي مەمتىلى خانىم راھىلە داۋۇتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «راھىلە ناھايىتى تىرىشچان، ئاددىي-ساددا قىز ئىدى. تەتقىقاتى ئۈچۈن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئائىلىسىدىن، بالىسىدىن ئايرىلىپ تۇردى، تۇرمۇشنىڭ مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كەچتى. مەن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل».

راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر فولكلور ساھەسىدىكى نوپوزلۇق تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىچىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىلىك كۆپلىگەن تەتقىقات تېمىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە تىللاردا نەچچە ئونلىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. راھىلە داۋۇت خىتايدىكى نۇرغۇن فولكلور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىسى بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تەكلىپلىك بېرىپ، لېكسىيەلەرنى سۆزلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مازار مەدەنىيىتىگە ئائىت تارىخىي چەتئەللەردىكى كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرغان.

راھىلە داۋۇت فولكلور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان يىگىرمە نەچچە يىل جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچى، مەسلىھەتچى، قابىلىيەتلىك ئۇستاز، ھەم بىر يېقىملىق، سەمىمىي دوستقا ئايلانغان.

روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ راھىلە داۋۇتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولمىسىمۇ، بىر قانچە قېتىم سۆھبەتتە بولغان. 2017-يىلى راھىلە داۋۇت بىلەن تۇتۇلۇپ كېتىشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تەتقىقات ئىشلىرى ھەققىدە مەسلىھەت ئالغان ئىكەن. ئۇ راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇ بەك يېقىملىق، قولى ئوچۇق، خۇشخۇي بىرى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ يەنە تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان ئەقىللىق ئوقۇتقۇچى ئىدى. چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىرىنى بىر قانچە خىل تىلدا يۇقىرى سەۋىيەدە چۈشەندۈرەلەيتتى. ئۇنىڭدا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇ قەيەرگىلا بارسا ئۇ يەرنى جانلاندۇرىۋېتەتتى».

مەلۇم بولۇشىچە، راھىلە داۋۇت 1998-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

-2002يىلى فولكلور ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. راھىلە داۋۇت فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانت ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «فولكلور ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو ۋە چەتئەل فولكلور تارىخى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «فولكلور ئىلمىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى»، «مۇقامشۇناسلىق»، «دىنشۇناسلىق»، «فولكلور تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيەلەر» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. 2003-يىلىدىن2004-يىلىغىچە ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 2006-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى6-ئايغىچە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.

راھىلە داۋۇت 2000-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تۈرلىرىدىن «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «خەلق داستانلىرىنى قوغداشنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات تۈرلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق مۇقام مەشرەپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى مەسئۇل بولۇپ تاماملىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارالىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن «تۈركىي تىللىق خەلقلەر داستانلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش»، خىتاي دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرى» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرى خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 20 دىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شىجۇ-خاخۇ داستانى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر مازارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا «نادىر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ فولكلور تەتقىقاتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى راھىلە داۋۇتنىڭ تەتقىقات ھاياتىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ راھىلە داۋۇتنى تۇتقۇن قىلىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان سۇيىقەست، دەپ قارايمەن».

باش شتابى نيۇ-يوركتىكى «خەۋپ ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتى راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە كۆرسەتكەن ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقلىرى ۋە جاسارىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، 2020-يىللىق خەلقئارالىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىنى راھىلە داۋۇتقا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

تىمۇسىي گروس ئەپەندى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ مۇھىملىقىنىڭ مۇنداق بىر قانچە سەۋەبى بار؛ بىرىنچىدىن تەتقىقاتلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى. ئۇ ئۆزى ئۇيغۇر بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولغاچقا باشقىلار ئېرىشەلمەيدىغان نۇرغۇن مەنبەلەردىن بىۋاسىتە پايدىلىنالايدۇ. ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلاپ، تەكشۈرەلەيدۇ. ھېچبىر يەردە تاپالمايدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ناھايىتى مۇھىم ماتېرىياللار ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى توپلاپ، رەتلەپتىكەن. ئۇ ناھايىتى ياخشى بىر تەتقىقاتچى. ئۇ بارلىق تەتقىقاتلىرىنى ئۆزى قىلىدۇ، ھەر بىر تەتقىقاتىنى ھاياجان بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئۇنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەرىپى. ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇزېيغا ئوخشايدۇ. سىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەر قانداق ناخشا-مۇزىكا ئىزدىسىڭىز ئۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانىسىدىن تاپالايسىز. ئۇ بارغان يېرىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى سىنغا ئېلىپ توپلىغان ئىكەن».

راھىلە داۋۇتنىڭ ھاياتى ۋە تەتقىقاتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىمىزدا، راھىلە داۋۇتنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدىكى سەمىمىيلىك، مۇلايىملىقنى بايقاش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەسىپداشلىرى ئۇنىڭ ناھايىتى ئىرادىلىك، جاپادىن قورقمايدىغان، مىللىتىنى سۆيىدىغان، مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

مېھراي مەمتىلى خانىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالىملىرىغا، زىيالىيلىرىغا ئىگە چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ۋە يەنە مۇنداق دېدى: «راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلار يوقاپ كەتتى. بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇشۇ ھەقسىزلىقلارغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك».

تىمۇسىي گروس ئەپەندى ئاخىرىدا راھىلە داۋۇتقا ئۇيغۇر تىلىدا يۈرەك سۆزى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «راھىلە مۇئەللىم مەن سىزنى بەك سېغىنىۋاتىمەن. ھەر كۈنى سىزنى ئويلايمەن، سالامەتلىكىڭىزدىن ئەندىشە قىلىمەن. سىزنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەردىن تېزرەك چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.