راھىلە داۋۇت 2023-يىللىق «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» بولۇپ باھالاندى

0:00 / 0:00

پىروفېسسور، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (English PEN) تەرىپىدىن 2023-يىللىق «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» بولۇپ باھالانغان.

11-ئۆكتەبىر كۈنى، ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق «پىنتېر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن يازغۇچى مايكول روزېن (Michael Rosen) راھىلە داۋۇتنى «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» دەپ تاللىغان؛ مۇكاپات نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگەنلەر ئاساسەن ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىغان يازغۇچىلار ئىكەن.

ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز تور بېتىدە خەۋەر بېرىشىچە، 2023-يىللىق «پىنتېر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئەنگلىيە يازغۇچىسى مايكېل روزېن راھىلە داۋۇتنىڭ «جاسارەتلىك يازغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە مۇكاپاتنى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: ««شۇ تاپتا مەن بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا تۇرۇپ، ئۆزۈم ئىگە بولغان ئەركىنلىك ياكى باشقا ئىنسانلار نورمال دەپ بىلىدىغان ئەركىنلىك بىلەن، ئاشۇ ئەقەللىي ئەركىنلىكىمۇ تارتىۋېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ پەرقنى تولۇق ھېس قىلماقتىمەن. مەنمۇ كۆپ ۋاقتىمنى فولكلورغا-خەلق چۆچەكلىرى ۋە ناخشىلىرىنى توپلاپ ئۇلارنى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلدىم، ئۇلاردىن زوقلاندىم، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى، ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئامېرىكا شائىرى كارل ساندبۇرگ ئېيتقاندەك، ‹ئەگەر بىر كىم مەن ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قامالغان بولسا، مەن بۇنىڭغا ئېچىنىمەن ھەم غەزەپلىنىمەن›. شۇڭا مەن فولكورشۇناس راھىلە داۋۇتنى بۇ يىلقى ‹جاسارەتلىك يازغۇچى› بولۇشقا تاللىدىم» دېگەن.

مايكول روزېن ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق بالىلار يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇ راھىلە داۋۇتقا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن داۋاملىق كۈچلۈك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قىزى ئەقىدە پولات رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپىسىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن مۇرەككەپ ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇتۇلۇپ، 6 يىل ئىز-دېرىكى بولمىغان راھىلە داۋۇتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش جىنايىتى» دېگەن قارىلاش بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئالدىنقى ئايدا مەلۇم بولغانىدى.

مايكول روزېن X (تىۋىتتېر) دا يازغان ئىنكاسىدا، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى راچېل ھاررىسنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى راھىلە داۋۇتنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى تامامەن ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما بىز قەتئىي ئۇنۇتمايمىز» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بۇ پىكىرنى تامامەن قوللايمەن» دەپ يازغان.

دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» مۇكاپاتىنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى راچېل ھاررىس راھىلە داۋۇتقا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغان ۋە سۆز قىلغان. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، يازغان ئەسەرلىرى ياكى سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يازغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى. ئۇلارنىڭ بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا كۆپ كىشىلەر قاتناشتى ۋە نەق مەيداندىن تارقاتتى. بىز ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيدىغان مېھمانلارنىمۇ كۆردۇق، مەن ئۇلارغا راھىلە داۋۇتنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرسەم، ھەيران قالدى ھەم تەسىرلەندى. ئۇلار راھىلە داۋۇتنىڭ 2016-يىلدىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى، سىياسەتنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەم شۇ تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدى. راھىلە داۋۇت ھازىر ئۆز دىيارىدا باستۇرۇلغان ئۇيغۇر سەر خىللىرىنىڭ كۈچلۈك سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى».

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، راھىلە داۋۇت خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت نىشانى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرمىگە سولانغان ۋە خەتەرگە دۇچ كەلگەن يازغۇچىلارنى قوللاش ئىكەن. بۇ يازغۇچىلار تەشكىلاتلىرى «راھىلە داۋۇتنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك» دەپ قارىغان ۋە ئۇنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ مۇكاپات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۈرمىگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىغۇسى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 1921-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن بىرى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يەنە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە 145 مەركىزى بار ئىكەن. ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 2009-يىل تەسىس قىلغان «پىنتېر مۇكاپاتى» بىلەن «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» مۇكاپاتى ئەدەبىياتتىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە بېغىشلانغان يىللىق مۇكاپات بولۇپ، 2005-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەنگلىيە يازغۇچىسى ھارولد پىنتېر (Harold Pinter) نىڭ نامىدا تەسىس قىلىنغان؛ بۇ مۇكاپاتقا پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، جاسارەتلىك يازغۇچىلار ئېرىشىپ كەلگەن.

بىز راھىلە داۋۇتقا بۇ شەرەپنى بەرگەن ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە راھىلە داۋۇتنى تاللىغان ئەنگلىيە يازغۇچىسى مايكول روزېن بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ۋاقتىنچە جاۋاب ئالالمىدۇق.