ئۇيغۇر ئىنسانشۇناس ئالىم راھىلە داۋۇت غايىب بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ۋىدېيولۇق سالام يوللاپ، ئۇنى كۈچلۈك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دۇنياغا داڭلىق ئىنسانشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى 12-دېكابىر دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى مەلۇم.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت سوتسىيال مېدىيادا تارقىتىلغان مەزكۇر قىسقا فىلىم راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى ئەقىدەنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن روياپقا چىققان.
يەتتە مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدا، ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيە ۋە ئامېرىكادا ياشايدىغان دۇنياۋى شۆھرەت ۋە نوپۇزغا ئىگە يىگىرمىدىن ئارتۇق ئالىم-تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىشقان. ئۇلار يەنە راھىلە داۋۇتنىڭ كەسىپچانلىقىغا، ئېلىمسۆيەرلىكىگە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە يۇقىرى باھالارنى بەرگەن، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامى ۋە سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن.
راھىلە داۋۇت يېقىندا «خەتتەر ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.