راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى
2023.09.22
ئامېرىكادىكى «دىيالوگ فوندى» تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللەپ زور ئىنكاس قوزغىدى.
21- سېنتەبىر كۈنى، دىيالوگ فوندى بىر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ئاساسىدا دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ 2018- يىلى 12- ئايدا «بۆلگۈنچىلىك»، يەنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.
راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مازار تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقئارالىق شان-شەرەپكە ئىگە بولغان بىر بىلىم ئادىمىنىڭ بۇنداق ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى بىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق قايغۇغا سالغان ھەم قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. ئەلۋەتتە، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئامېرىكادا ياشايدىغان قىزى ئەقىدە پولات ئۈچۈن بۇ تولىمۇ ئېغىر ئازاب ھېسابلىناتتى. ئۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قانچىلىك رەھىمسىزلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ بەردى»، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« مەن خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، ھەم بەك ئاچچىقلاندىم. ئاپام پەقەت خىزمىتى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئاددىي ئايال ئىدى. ئاپام پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپامنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خىتاينىڭ قانچىلىك رەھىمسىزلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.»
ئەقىدە پولات خەلقئارا جەمئىيەتكە، ھۆكۈمەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتاي ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتايغا بېسىمنى كۈچەيتىپ، ئاپامنىڭ ۋە باشقا بارلىق گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىمەن».
پىروفېسسور راھىلە داۋۇت 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنىدى. 2021-يىلى 6-ئايدا رادىيومىز ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. «دىيالوگ فوندى» نىڭ ئىگىلىشىچە، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك»، يەنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. راھىلە داۋۇت بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەرزى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
دوكتور راھىلە داۋۇتنى ئۇنىڭ قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى، خىزمىتى ۋە ھەمدە ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن يېقىندىن بىلىدىغان، راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئىندىئانا ئىشتاتىدىكى رۇس خۇلمەن تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس تىموسىي گروس رادىيومىزغا يازغان ئېلخېتىدە ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەردىن ھەم قايغۇرغانلىقى ھەم قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ راھىلە داۋۇتنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە كەڭ قورساقلىقىنى ئالاھىدە تىلىپ: « راھىلە داۋۇت ماڭا ۋە ماڭا ئوخشاش باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئەگەر راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى كۈچلۈك تەتقىقاتى ۋە ھەمدە كەسىپداشلىرىغا تۇتقان كەڭ قورساقلىقى بولمىغان بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسى بولمايتتى» دېگەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن:
«راھىلە داۋۇتنى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئېلىپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدا مەن دېگەن پاكىتلارنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كەلگەن بىردىنبىر تەھدىتى دەل ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە تەڭداشسىز بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىدا. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىلەن خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا بىر كۆۋرۈك بولغان ئىدى.»
راھىلە داۋۇتنىڭ ئاقىۋىتىگە ئائىت بۇ پارتلاتقۇچ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئىلىم ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ قايغۇلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئامېرىكادىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكا جورج توۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:
« خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتقا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلۇمنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇ ئىلگىرى سۈرگەندەك تېررورلۇق، خىزمەت پۇرسىتى ياكى نامراتلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى. پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات خىزمىتى بار ئىدى. ئۇ كەسپىي تەربىيەلەشكە موھتاج ئەمەس... شى جىنپىڭ ئۇيغۇر (ۋە باشقا) خىتاي بولمىغان مەدەنىيەتكە يول قويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى كېرەك، دەپ قارار قىلغانلىقتىن ئۇ بۈگۈنكى ھالدا.»
ئەنگلىيەدىكى شېفىلد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى داۋىد توبىنمۇ تىۋىتتېردىكى سۆزىدە :« خىزمەتدىشىمىز راھىلە داۋۇت ئۇيغۇرشۇناس بولغانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى. ئۇ بېيجىڭدىن تولىمۇ ئۇزاق بىر يەردە بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارالدى» دەپ يازغان ۋە بارلىق زىيالىيلارنى راھىلە داۋۇت ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئاۋاز چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان.
نۆۋەتتە تەيۋەندىكى مەركىزى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق تەتقىقاتچى جوشۇا فرىمەنمۇ تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا دوستى ۋە كەسىپدىشى راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىگە ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە: « خىتاي ھۆكۈمىتى راھىلەنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› جىنايىتى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇش ئىدى» دەپ ئەسكەرتكەن.
راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئەڭ يېڭى ئۇچۇردىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ئاقىۋەتسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.