مەھكۇم زاھىرە ھىجابلىنىشنى كېچىكىپ توختاتقانلىقى، گۈلبوستان «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلمىغانلىقى ئۈچۈن 15 ۋە 17 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

كورلادىكى بىر ئائىلىدىن بەش ئايالغا ئېغىر جازا كەسكەن سوت ھۆكۈمىدە شۇ يىلى 38 ياشلىق زاھىرە مەمەتكە 15 يىللىق، 30 ياشلىق گۈلبوستان ئىبراھىمغا 17 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە زاھىرەنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايى پاكىتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ 2010- ۋە 2015-يىللىرى ئارىسىدا «ھىجابلانغانلىقى ۋە ھىجابىنى ۋاقتىدا ئېلىۋەتمىگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان بولسا، گۈلبوستان ئىبراھىمنىڭ «ئۆيىدە تەبلىغ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلمىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا زاھىرە مەمەتنىڭ سانجى ئاياللار تۈرمىسىدىكى 5-ئەترەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چىقارغان مەزكۇر ھۆكۈمنامىسىدە، 1981-يىلى تۇغۇلغان زاھىرە مەمەتكە 15 يىللىق، 1988-يىلى تۇغۇلغان گۈلبوستان يەنى بوستان ئىبراھىمغا 17 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە بوستان ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئىسمىنى گۈلبوستانغا ئۆزگەرتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ھۆكۈمنامىدە يەنە زاھىرە مەمەتنىڭ 2010- ۋە 2015-يىللىرى ئارىسىدا ھىجابلانغانلىقى، بۇ مەزگىلدە تەۋەلىكىدىكى خادىملار ھىجاپلانماسلىق ھەققىدە كۆپ قېتىم تەنقىد-تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۇنىڭ ئەڭ ئېغىر قىلمىشى سۈپىتىدە كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن. بۇ بايانلاردىن ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان 2018-يىلى ئۇنىڭ ھىجابلىنىشتىن ۋاز كەچكىنىگە ئۈچ يىل بولغانلىقى، جازانىڭ ئالىقاچان تۈزىتىلىپ بولغان بىر «خاتالىق» ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى مەلۇم. ھۆكۈمنامىدە گۈلبوستاننىڭ «ئۆيىدە تەبلىغ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلمىغانلىقى»، بۇ ئەھۋالنى باشقىلارنىڭ پاش قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئېغىر گۇناھىي سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن.

بىز بۇ ئىككى مەھكۇمنىڭ نەدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كورلادىكى سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرسە، بەزلىرى خەۋىرى بار بولسىمۇ، لېكىن جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمنامىدە زاھىرەنىڭ 2013-يىلى «تەبلىغ ئاڭلىغان» ۋە «تەبلىغقە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى»، 2015-يىلى «پىلاندىن ئارتۇق بىر پەرزەنت كۆگەنلىكى» مۇ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايى قىلمىش» لىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ھامىلىدار مەزگىلدە ھامىلەنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكى «خۇراپاتلىققا تايىنىپ دۆلەت قانۇنىغا توسقۇنلۇق قىلىش» دەپ ئەيىبلەنگەن. ھۆكۈمنامىدە گۈلبوستاننىڭ «تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى» ۋە «تەبلىغقە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى» دىن باشقا قىلمىشى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىدە تەبلىغ ئۆتكۈزگەنلىكىنى باشقىلار پاش قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ «ئىقرار قىلمىغانلىقى» ئەڭ ئېغىر گۇناھى سۈپىتىدە تەكىتلەنگەن.

كورلادىكى بەش مەھكۇم ئايال ھەققىدىكى بىر يۈرۈش خەۋەرلرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى مۇھاجىرلاردىن بىرى، بۇ خەۋەرلەرگە ئىنكاس يېزىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلە بىلەن ئىلگىرى قوشنا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يۈسۈپ فىردەۋسى ئىسىملىك بۇ ئىنكاسچى، مەزكۇر ئائىلىنىڭ نورمال بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىكەنلىكى، ئائىلىدىكى ھېچبىر ئەزانىڭ جەمئىيەتكە زىيانلىق ھېچقانداق قىلمىشى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

سانجى ئاياللار تۈرمىسىدىكى بىر مەسئۇل خادىم، زاھىرە مەمەت ۋە گۈلبوستان ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئالدىنقى كۈنى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، بىز تەمىنلىگەن كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن، بۇ تۈرمىدە زاھىرە مەمەت دەپ بىر مەھبۇسنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇ يەنە زاھىرە مەمەتنىڭ بۇ 41 ياشلاردا ئىكەنلىكى ۋە جازا مۇددىتىنىڭ 15 يىللىق ئىكەنلىكىنىمۇ دەلىللىگەن ئىدى. مەزكۇر خادىم بوستان ئىبراھىم ھەققىدە ئارخىپنى تەكشۈرۈۋاتقان ۋاقتىدا، يەنە بىر خادىم تېلېفوننى قولغا ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ بىر «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. باشقا خادىملارمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى يۇقىرىقىغا ئوخشاش شەكىلدە رەت قىلدى.

كورلادا 2017-يىلى قۇرئان ۋە جاينامازلارنى يىغىۋېلىش دولقۇنى قوزغالغان، شۇ چاغدا كورلانىڭ قارايۇلغۇز يېزىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، دىنىي ئىبادەت جەھەتتىن ئىلگىرى يول قويۇلغان بەزى ئىشلارنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى»، شۇڭا ئۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئەمدىلىكتە چەكلىنىۋاتقان ۋە جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ سىياسەتتىكى بۇ تۇراقسىزلىق سەۋەبىدىن، ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىغا ئالاقىدار نېمىنى قىلىش ۋە نېمىنى قىلماسلىقنىمۇ ئاڭقىرالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.