«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدا جىددىي دىققەتنى تارتىۋاتقان، پارلامېنتلاردا بۇ ھەقتە قارارلار ماقۇللىنىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ھامان سۈكۈت قىلىپ كېلىشى، ھەتتا رامىزان ئېيىدىمۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلمەيۋاتقانلىقى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، تۈركلەرنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى. 16-ئاپرېل كۈنى «تۈركىيە بالىلار ۋەخپىسى» نىڭ رەئىسى مۇستافا روھى شېرىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
شائىر، يازغۇچى روھى شېرىن ئەپەندى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان بالىلار ۋەخپىسى بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم، زۇلۇملارنى ئەيىبلەپ ئاخبارات باياناتى، ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ، 16-ئاپرېلدا ئىستانبۇلنىڭ تارابيا دېگەن جايىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قولىدا 3 كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە بەزى تور گېزىتلىرى مۇنداق يازدى: «ھۆرمەتلىك شائىر، يازغۇچى، تۈركىيە بالىلار ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا روھى شېرىن ئەپەندى مۇقەددەس رامزان ئېيىدا روزى تۇتۇشى ۋە باشقا ئىبادەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىنى قايتا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ، نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىن سىرت، مەزكۇر پائالىيەتكە ئاتاپ شۇ شېئىرنى يازغان:
ئۈمىدىمىز تۇغدى ۋە بالىلار بىلەن بىللە تۇغىدۇ،
مەن كۆرەلمەيمەن ئۇ كۈنلەرنى بەلكى.
بۈگۈن ئەتىگەن بۇلۇتلۇق ئاسماننىڭ ئاستىدا ئىدۇق.
ھازىر ئاسمان كۆك بايراق رەڭگىدە».
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تونۇلغان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى، شائىر مۇستافا روھى شېرىن ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، بىزگە تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز تۈركىيە بالىلار ۋەخپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ توغرىلىق تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدۇق. ھازىر مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا تۇرۇپتىمىز. لېكىن ئىسلام دۆلەتلىرى تېخىچە سۈكۈتتە، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتەدۇر. مەن خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزدۈم. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق تىلەيمەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمەن».
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مۇستافا روھى شېرىن ئەپەندىنى كۆپ يىللاردىن يىلدىن بۇيان تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ دەۋاسى ۋە دەردىگە ئايلاندۇرغان مۇستافا روھى شېرىن ئەپەندى بىلەن مەن بۇندىن 10 يىل بۇرۇن بىر يىغىندا تونۇشقان ئىدىم. مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇ كىشىنى بىلەتتىم. چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇر بالىلار توغرىسىدا كۆپ ماقالىلەرنى يازغان. لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئەڭ چوڭ خىزمىتى 2021-يىلى تۈركىيە بالىلار ۋەخپىسى تەرىپىدىن تەييارلىغان ‹شەرقىي تۈركىستاندا بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى› ناملىق دوكلاتىدۇر. مەزكۇر دوكلات تۈركىيەدىكى ‹قارار گېزىتى› بىلەن باشقا گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى».
ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۆشۈكتىكى بالىلاردىن باشلانغانلىقى، ب د ت بالىلار فوندىنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. بۇ كىشىنىڭ داۋاملىق تەكىتلەيدىغان مۇھىم بىر سۆزى، ‹مەن كوچىغا چىققىنىمدا بالىلارنى كۆرسەم ئۇيغۇر بالىلار يادىمغا كېلىپ يىغلىغۇم كېلىدۇ› دېگەن سۆزى ئىدى».
مۇستافا روھى شېرىن ئەپەندى بىر ماقالىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر بالىلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىپ، 50 پارچە خەت يازغانلىقىنى، بۇنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى يازغان. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەزكۇر ماقالىنى تور گېزىتىدە ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قارمىقىدىكى «تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇستافا روھى شېرىن 1955-يىلىدا تۈركىيەنىڭ ترابزون ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئۇزۇن يىل تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزيەدە ئىدارىسىدە بالىلار پروگراممىسى ئىشلىگەن. 1990-يىلى تۈركىيە بالىلار ۋەخپىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان 50 ئەتراپىدا بالىلار ھېكايە ۋە شېئىر كىتابى بار بولۇپ، بەزى كىتابلىرى ئىنگلىزچە، نېمىسچە، ئەرەبچە، پارسچە ۋە ئۆزبېكچە قاتارلىق 20 ئەتراپىدا تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.