ئۇيغۇر ئېلىدىكى رامازان تەدبىرلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھەر بىر كەنتتىن 2-3 نەپەر پايلاقچى ياللىغانلىقى؛ بۇلار ئارقىلىق ئاھالىلەرنى، بولۇپمۇ ئىلگىرى روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن سوراق قىلىنغان، تۇتۇلغان ۋە ياكى كېسىلىپ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن سابىق تۇتقۇنلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پايلاقچىلىق ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىمۇ يولغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا غىزالىنىۋاتقان ياكى غىزالانمايۋاتقانلىقى كۆزىتىلگەن.
رامازان چەكلىمىلىرى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، تۇرپاندا روزا تۇتۇشنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى، ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇش ئەھۋالىنىڭ پايلاقچىلار ئارقىلىق كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، پايلاقچىلارنىڭ سانى، پائالىيەت دائىرىسى ۋە نۇقتىلىق نېمىلەرنى ۋە كىملەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.
تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى بازارلىق ساقچى خادىمى، ھەر بىر كەنت ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن 2 نەپەردىن 3 نەپەرگە قەدەر «قۇلاق»، يەنى پايلاقچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. دېيىلىشىچە، بۇ پايلاقچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئادەتتىكى ئاھالىلەر ۋە ياكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىدىن تەشكىللەنسە، يەنە بىر قىسمى ساقچى خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن.
تۇرپان شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ساقچىخانىدا 285 نەپەر ساقچى خادىمى بار بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەن. بۇ ساقچىخانا تەۋەلىكىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پايلاقچىلىق قىلىشىغا تىل ئىمكانى يار بەرمىگەن، نەتىجىدە ئۇيغۇر ساقچىلار بىۋاستە پايلاقچىلىققا سېلىنغان ياكى پايلاقچىلارنى يېتەكلەشكە مەسئۇل قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پايلاقچىلىق جەريانىدا ئىلگىرىكى يىللاردا روزا تۇتقانلىق گۇمانى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن سوراق قىلىنغان، تۇتۇلغان ۋە كېسىلىپ جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن سابىق گۇماندار ۋە تۇتقۇنلار نۇقتىلىق ھالدا كۆزتىلگەن. يەنە دېيىلىشىچە، «ياشانغانلارنىڭ ئىدىيەسى قاتمال ۋە ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدىغان» بولغاچقا، ياش-ئۆسمۈرلەر بولسا «ئاسانلا قايمۇقىدىغان» بولغاچقا، بۇ پايلاقچىلىقتا نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان.
تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رامازان مەزگىلىدىكى بۇ پايلاقچىلىق تۈزۈمى ساقچى خادىملىرى ئاراىسىدا ئۆزئارامۇ يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمايۋاتقانلىقى خىتاي ۋە ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن كۆزىتىلگەن. كۆزىتىلگەندە ئاساسلىقى ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا بىرەر قېتىم غىزالانغان-غىزالانمىغانملىقى ۋە سۇ ئىچكەن-ئىچمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىنغان. بۇ ساقچى ئىدارىسىدا ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ئەنە شۇ كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسى مانا بۇ يىغىندا دوكلات قىلىنغان.
مەزكۇر ساقچى خادىمى ئۆز خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا ھازىرغىچە روزا تۇتقانلارنىڭ تېخى بايقالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يوقىرىقى بازارلىق ساقچى خادىمى بولسا، ھازىرغا قەدەر سابىق تۇتقۇن ۋە ئادەتتىكى ئاھالىلەردىن بولۇپ دەسلەپكى بىر ھەپتىدە 54 كىشىنىڭ ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ ساقچىخانىدىكى خادىملار، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئەنە شۇ سوراق قىلىنغان 54 كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
يوقىرىدا رامازان مەزگىلىدە تۇرپاندا پايلاقچىلىقنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى ۋە سابىق تۇتقۇنلارنىڭ نۇقتىلىق كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
