«رامبول» شىركىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يېشىل ئېنېرگىيەگە باغلىنىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى
2024.08.29
گوللاندىيەدىن دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېنغا يېتىپ كەلگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى رەئىسى ئەنۋەر ئەردەم، گوللاندىيەدىكى ياش يازغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىملار 29-ئاۋغۇست كۈنى دانىيەدىكى دۇنياۋى شىركەت «رامبول» (Ramboll) نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ شىركەتنىڭ كوپېنھاگېندىكى مەركىزىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يېشىل ئېنېرگىيەگە باغلىنىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئىككى كۈنلۈك گۇۋاھلىق پائالىيىتى ۋە ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن كوپېنھاگېن ئايرودۇرۇمىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق «بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن رامبول شىركىتىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىمدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردىكى ئەھۋالى، جۈملىدىن لاگېر ئىچىدىكى تەسۋىرلىگۈسىز قىيىن-قىستاقلارنى دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈردۈم» دېدى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق پائالىيىتىنى دانىيە يېشىل ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزى، دانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «رامبول» شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تىم فىشەر يېقىندا «ئوچۇق دېڭىزدىكى شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن دانىيە يېشىل ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزى تىم فىشەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق پائالىيىتىنىڭ ئورنى ئۈچۈن «رامبول» شىركىتى تاللانغان ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەخمەتجان قاسىم بۇ ھەقتە توختىلىپ «جەنۋە ئەھدىنامىسىگە ئەزا بىر شىركەتنىڭ بۇنداق بىر قارارنى چىقىرىشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ گۇۋاھلىق پائالىيىتىگە «رامبول» نىڭ دانىيەدىكى 12 تارماق شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە بۇ شىركەتنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىدە ئىشلەۋاتقان 50 نەچچە خىزمەتچى قاتناشقان. ئۇلار نەق مەيداندىن گۇۋاھلىقنى ئاڭلىغان ۋە سوئاللار سوراشقان، ھەتتا بەزىلىرى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغاندا كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان.
گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىدىن ئەنۋەر ئەردەممۇ يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ «بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى ۋە خىتاي بولغان مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بۇ شىركەتنىڭ ئۆزلىرى تەكىتلەۋاتقان يېشىل ئېنېرگىيەنىڭ ماتېرىياللىرى خىتايدىن كەلسە ئۇ زادى قانچىلىك يېشىل؟» دېگەن مەزمۇننى شەرھلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاندا بۇنىڭدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالدى.
قەلبىنۇر خانىم بۇ گۇۋاھلىق پائالىيىتىدە «خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىگە دىققەت قىلىشىنى، ياۋروپا بازىرىغا كىرىۋاتقان كۈنتاختا بۇيۇملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى» نى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېگەنلىكى توغرىسىدا سۆز بولغاندا بۇنىڭدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى ساناپ ئۆتتى.
1945-يىلى قۇرۇلغان «رامبول» شىركىتى دانىيەنىڭ دۇنياۋى مەبلەغ سېلىش شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مىڭدىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس خىزمەت قىلىدۇ. جۈملىدىن، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 دۆلەتتە تارماق شىركەتلىرى بولۇپ، بۇ جايلاردا تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشلەيدۇ. مەزكۇر شىركەت كۆپىنچە قاتناش، ئېنېرگىيە، مۇھىت، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ شىركەت ب د ت يەر شارى ئەھدىنامىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، شىركەتنىڭ خىتايدىكى تارمىقى شاڭخەي شەھىرىدە مۇلازىمەت قىلىۋاتقىلى 15 يىلدىن ئاشقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەتنىڭ شاڭخەيدىكى مۇلازىمىتى دۆلەت ھالقىغان تىجارەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خىتايدىكى تىجارىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھەققىدە پات-پاتلا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سۈرۈشتە قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە.