ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىللىق رامازان تەقىبلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق رامازان ئېيى خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس پەيدا قىلغان بىر ئالاھىدە مەزگىلگە توغرا كەلدى.

نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان رامازانلىق كوللېكتىپ ئىبادەتلەرنى ئۆز ئۆيلىرىدە داۋاملاشتۇرماقتىكەن. مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رامازان تەقىبلىرىنىڭتېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

يىللاردىن بۇيان ھەر تۈرلۈك چەكلىمە ۋە قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامازان ئېيىدا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش تەدبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىللىق رامازان ئېيى باشلىنىشى بىلەن دائىرىلەرنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتايدىكى «دوۋيىن»، يەنى «تىك-توك» مۇنبىرىگە يوللىنىپ، فېيسبوك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە مەلۇم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز سىنىپلىرىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەجبۇرىي ھالدا سۇ ئىچىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ سىن كۆرۈنۈشى خىتاينىڭ رامازان تەقىپلىرى ھەققىدە جىددىي ئىنكاس پەيدا قىلدى.

بىز 30-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر دىيارىغا تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاش جەريانىدا ئۈرۈمچى 23-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە چۈشلۈك تاماقتىن باشقا كەچلىك تاماققىمۇ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، تاماق ۋاقتىدا مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي خادىم بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتى:

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز، بۇ ئۈرۈمچى 23-ئوتتۇرا مەكتەپمۇ؟

خىتاي خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: بىلمەكچى بولغىنىم، مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئېيى باشلاندى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا روزا تۇتۇش ئەھۋاللىرى بارمۇ؟

خىتاي خادىم: ئۇنداق ئەھۋال يوق.

مۇخبىر: مەكتەپ بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەدبىر قوللاندىمۇ؟ يەنى ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك تاماققا ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدىمۇ؟

خىتاي خادىم: ئوقۇغۇچىلار چۈشتە ۋە كەچتە مەكتەپتە تاماق يەيدۇ. تاماق ۋاقتىدا مەخسۇس بىر ئوقۇتقۇچى نازارەت قىلىدۇ.

مۇخبىر: ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا روزا تۇتۇش ئەھۋاللىرى بارمۇ؟

خىتاي خادىم: ھە، بىزنىڭ نازارەتچى خادىمىمىز ھازىر يوق، مەن سىزگە ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېرەي، سىز ئۆزىڭىز ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلەڭ.

ئۇنىڭ مۇشۇ جاۋابىدىن كېيىن تېلېفونىمىز ئۈزۈلۈپ كەتتى ۋە قايتا ئۇلانمىدى.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە داۋاملىق تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما مەكتەپلەر خىتاينىڭ 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش رامازان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى تاقاپ قويماسلىق بەلگىلىمىسىنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن خوتەندىكى مەلۇم ئۇيغۇر رېستورانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى قىز سەزگۈرلۈكىنى ئىپادىلەپ، رامازانلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار سوئاللارنىڭ سورىلىشى بىلەنلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

ئەمما خوتەن شەھىرىدىكى خوتەن شىخۇ مېھمانخانىسىنىڭ مۇلازىمەت مۇنبىرىدىكى خىتاي مۇلازىمەتچى خادىم رامازان مەزگىلىدىكى زوھۇرلۇق تاماق ۋە ئىفتارلىق تاماق مۇلازىمىتى ۋە ناماز ئوقۇش قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.

ئۇ مېھمانخانىدا ناشتىلىق ھەقسىز ئىكەنلىكىنى، مېھمانلارغا غەربچە يېمەكلىك بېرىلىدىغانلىقى، يېمەكلىك ھالال-ھارام دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر چەتئەللىك مۇسۇلمان مېھمانلار تەلەپ قىلسا ئۇلارغا زوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىق تاماق تەييارلاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ يىل رامازاندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرى ھەققىدە خوتەندىكى مەلۇم مېھمانخانا خادىمىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئەمما تېلېفوننى ئالغان خىتاي مۇلازىمەتچى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 28 خىل ئىپادىسى»، «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسى»، دېگەندەك يەرلىك مىزان-بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، ساقال قويۇش، ھىجاپلىنىش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ساقلاش، ئىپتار بېرىش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، زاكات ۋە سەدىقە-پىتىر بېرىش قاتارلىق نورمال دىنىي ئىبادەت ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى چەكلىگەن. 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا قانۇن چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى بىر قىسىم ئىپادىلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامازانلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىشىگە قارىتا كۈچلۈك تەنقىد ھەم ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 24-ئاپرېل، يەنى رامازاننىڭ 1-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان رامازان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي رامازانلىق ئىبادەتلىرىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان بۇ قىيىن ۋەزىيەتكە جىددىي دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا مەسئۇل ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي رامازانلىق دىنىي ئىبادەتلىرىنى چەكلەپ كەلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش پەقەت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.