راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلار پاكىستاندا 6 ئايغىچە قانۇنلۇق تۇرۇش مۆھلىتىگە ئىگە بولدى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە تەنقىدىگە قارىماي، پاكىستان دائىرىلىرى قانۇنلۇق ھۆججىتى يوق چەتئەللىكلەرنى 1-نويابىردىن باشلاپ قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى. خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ پەرمان چىققاندىن كېيىن پاكىستاندىكى قانۇنسىز سانالغان كۆچمەنلەر تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھەر تۈرلۈك قاتتىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغان؛ پاكىستاندىن مەجبۇرىي قوغلانغان نەچچە يۈز مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىر بولسا، تۇيۇقسىز مەجبۇرلانغان بۇ كۆچ -كۆچتە چېگرادا قاپسىلىپ قالغان.

چېگرالاردا -1 نويابىردىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان بۇ مۇساپىرلارنىڭ ساقلىق، بىخەتەرلىك ۋە تۇرمۇش كىرىزىسى قىش كۈنلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋاقتىنچە خاتىرجەم بولدى

پاكىستان « قانۇنسىز چەتئەللىكلەر» نى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەيدانىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، پاكىستان ھۆكۈمىتى تىزىمغا ئالدۇرغان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىغا تارقىتىلغان كارتىلارنى تىزىملاش ئىسپاتى ياكى ئىقامەت كارتىنىڭ ئىناۋەتلىكلىكىنى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلانغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، بىر قانچە ئۇيغۇرلارمۇ قولغا ئېلىنىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنىدى. شۇنداقلا راۋالپىندىغا يەرلىشىپ قالغان، 100 لەرچە ئۇيغۇر، ئىجارە ئۆيلىرىدىن قوغلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە قالغانىدى.

ئالدىنقى قېتىم بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىمىزدە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا تۇرۇش ۋاقتىنى ۋاقتىنچە ئۇزارتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەنىدۇق.

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى خادىملىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە پاكىستان دائىرىلىرىگە، بۇ ئۇيغۇرلارنى پاكىستاندىن خىتاي ياكى ئافغانىستانغا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىشىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى، شۇنداقلا رادىيومىز ۋە باشقا تاراتقۇلاردا قوزغالغان ئىنكاسلار نەتىجىسىدە، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئافغانىستان پۇقراسى»دەپ تىزىملىنىپ، پاكىستاندا يەنە 6 ئاي قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا تارقاتقان « ئافغانىستان پۇقراسى، 6 ئايغىچە قانۇنلۇق تۇرۇشقا رۇخسەت» دېگەنلەر يېزىلغان كىنىشكا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىنىڭمۇ كاپالىتى ئىكەن.

ئىلگىرى پاكىستاندا چېگرادىن قوغلىنىش گىردابىغا كېلىپ قالغان ئۇيغۇرلار يەنە پاكىستاندا ئۇزۇندىن بۇيان ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆيلىرىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئۆمەر ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 100 لەرچە ئۇيغۇرنىڭ 70 پىرسەنتى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇلار 6 ئايلىق قانۇنلۇق تۇرۇش كاپالىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مەكتەپلەردىن توختاپ قالغان ئۇيغۇر بالىلارمۇ، بۇ ھەپتە قايتىدىن ئوقۇشلىرىنى باشلىغان.

بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكىلىش يولى نەدە؟

پاكىستان دائىرىلىرى قوغلاپ چىقارماقچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئافغانىستانلىقلار بولۇپ، 1 مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق تىزىملىككە ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە «ئافغانىستان پۇقراسى» دېيىلگەن ئۇيغۇر پۇقرالىرى بار.

پاكىستانغا ئافغانىستان ئارقىلىق كېلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى قالمىغان ئافغانىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشتىن يەنىلا ئەندىشە قىلىدىكەن. ئۆمەر ئەپەندى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، پاكىستان دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستانغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياكى بىخەتەر 3 بىر دۆلەتكە پاناھلىنىشىغا ياردەم بېرىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.