راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلار: «پاكىستان بىزنى قوغلىسا، بارار جايىمىز يوق»

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى مەتبۇئاتلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. باياناتتا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر ئايدىن باشلاپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى باشلايدىغانلىقى، بۇ ھەرىكەتنىڭ پاكىستان چېگراسى ئىچىدە پاناھلىنىۋاتقان 1 مىليون 700 مىڭ ئافغان مۇساپىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سارفراز بۇگتى 3-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇلارغا ئاخىرىقى مۆھلەتنى 1-نويابىرغىچە دەپ بېكىتىپ بەردۇق، چۈنكى بۇ يىل پاكىستاندا يۈز بەرگەن 24 قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ 14 قېتىملىقى ئافغانىستان مۇساپىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.»

پاكىستاندىكى ئۇردۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سارفراز بۇگتى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن «پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى يوق كۆچمەنلەرنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئايرىلىشى شەرت. بۇ مۆھلەتتىن كېيىن قالغانلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت پەقەتلا ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنىلا نىشان قىلغان ئەمەس. پاكىستاندىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت بارلىق كۆچمەنلەرگە ئورتاق قارىتىلغان. »

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىللار ئىلگىرى ئافغانىستاندىن قېچىپ كېلىپ، پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىگە يەرلىشىپ ياشاۋاتقان 20 گە يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىكەن. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلان قىلىشى، يالغۇز پاكىستاندىكى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارغىلا ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھېچقانداق پاسپورت ياكى ئىقامىتى بولماي تۇرۇپ پاكىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارغىمۇ بىر سىگنال ئىكەن. شۇڭا بۇ خەۋەر راۋالپىندىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر: «پاكىستاندا يۈزلەرچە ئۇيغۇر يەنە سۈرگۈن ئالدىدا»

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش رەسمىيىتى بولمىغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ قولىدا ياكى ئافغانىستان ۋە ياكى خىتاينىڭ پاسپورتى يوق ئىكەن. ئۇلار يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان. ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر پاكىستان دائىرىلىرى توكخامدىكى ئافغانىستان-پاكىستان چېگرا ئېغىزىدىن كىرىۋاتقانلارنىڭ ھۆججەت ۋە قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى جىددىي تۈردە تەكشۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاكىستاندا ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىمۇ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قانۇنلۇق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى يوق بارلىق كۆچمەنلەرنى ئالدى بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە پاكىستان تېررىتورىيەسىدىن ئايرىلىشقا، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1979-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن زور مىقداردىكى ئافغانىستان مۇساپىرلىرى جەنۇبقا قېچىپ، پاكىستاندا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە پاكىستاندا تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىر ئۆزلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 880 مىڭ كىشىنىڭ پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتى بار ئىكەن.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى 1960-يىللاردا خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك قەشقەر ۋە يەركەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. 1980-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى كەڭ كۆلەمدە ئافغانىستانغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئافغانىستاندىن قاچقان مىليونلارچە مۇساپىرلار بىلەن بىرلىكتە 2-نۆۋەت پاكىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ قالغان ئىكەن.

يىللاردىن بۇيان پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ماكانلىشىپ، بىر مەھەللىدە ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى ياكى ئىقامەت ئالالمىغان. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ ئۆملۈكتە ياشاپ كەلگەن. ئارىدىن 30-40 يىللار ئۆتۈپ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىزلا «قانۇنسىز مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش» ھەرىكىتىنى ئېلان قىلىشى، ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇساپىرچىلىقنىڭ ئاچچىق ۋەھىمىسىنى قايتىدىن ھېس قىلدۇرۇشقا باشلىغان.

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشخانىسى ۋە ئۇنىڭ پاكىستاندىكى تارماق ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ جىددىي ۋەزىيەت توغرۇلۇق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. ئۇلار بىزگە پەقەتلا ئېلخەت ئارقىلىق ئېنىقسىز جاۋاب قايتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ھازىرقىدەك جىددىي ۋەزىيەتتە نۇرغۇن ئىلتىماس ۋە ئالاقىلەر سەۋەبلىك، سىزگە ئايرىم جاۋاب بېرىشكە ئىمكانىيىتىمىز يوق. تور بېتىمىزدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلگەن.

بىز يەنە پاكىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ تېلېفونىمىزغا ياكى ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

مۇساپىر ئۇيغۇرلار: «بىز ئافغانىستانغا ياكى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشنى خالىمايمىز»

راۋالپىندىدا تۇرۇشلۇق ئابدۇلئەھەد ئايالى ۋە 4 پەرزەنتى بىلەن پاكىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قانۇنىي رەسمىيەتسىز ھالدا ياشاۋاتقان ئافغانىستانلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1984-يىلى، يەنى سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشى جىددىي داۋام قىلىۋاتقان يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئافغانىستانغا كېلىپ، پاناھلانغان. ئۇ ئىلگىرى قانۇنلۇق تۇرۇش رەسمىيىتى بولمىغانلىقتىن تۇرمۇش ۋە بالىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان، ئەمما چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشتەك جىددىي ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغان. بۇ قېتىم پاكىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىشى بىلەنلا ئۇلار ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى ئۇلارغا بىر ئاي ئىچىدە ئۆينى بوشىتىپ بېرىشىنى، ئۇنداق قىلمىسا ئۆزىنىڭمۇ پاراكەندىچىلىكتە قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئابدۇلئەھەدنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئافغانىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستاندىن پاكىستانغا مۇساپىر بولۇپ كەلگەندە قولىدا ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيىتى يوق ئىكەن، شۇنداقلا شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتىدىنمۇ پاسپورت، قانۇنلۇق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ياكى ئىقامەت ئالالمىغان ئىكەن. ئۇ، «ئەگەر بىزنى ئافغانىستانغا قايتۇرسا، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا يەنە قانداق خەتەرلىك قىسمەتلەرنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز» دەيدۇ.

شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى قالمىغان بۇ ئۇيغۇرلاردا، «ئەگەر بىز ئافغانىستانغا كېتىشنى خالىمىساق، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىزنى خىتايغا قايتۇرىدۇ» دېگەن ئەندىشە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئابدۇلئەھەد بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال راۋالپىندىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» نىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ راۋالپىندىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەيىرىدىن، قاچان، قانداق سەۋەبلەر بىلەن كەلگەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جان سانى ۋە ئۆي ئادرېسلىرىنى تىزىملاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئۇيغۇرلارغا تۇرمۇش ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ تىزىملىغان ئىكەن. پاكىستاندا ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئىقامەتسىز ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ تۇيۇقسىز «ئىلتىپاتى» دىن ھېچ گۇمانلانمايلا ئۇلارنىڭ تىزىمغا ئېلىشىنى قوبۇل قىلغان ئىكەن.

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىقامەتسىز ئۇيغۇرلارنى «قانۇنسىز كۆچمەن» قاتارىدا پاكىستان چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىشى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ پاسپورتى ياكى كىملىك گۇۋاھنامىسى بولمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنى قانداق شەكىلدە ۋە قەيەرگە قوغلايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ھازىر راۋالپىندىدا ئابدۇلئەھەد ئائىلىسىگە ئوخشاش قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلاردىن يەنە 20 ئائىلە، جەمئىي 100 دەك جان بار بولۇپ، ئۇلار: «پاكىستاندىن قوغلانساق، بارار جايىمىز يوق» دېيىشمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە قانۇنلىرىغا خىلاپ

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رىچاردسون خانىمدىن «پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پاكىستاننىڭ ئۇلارنى خىتايغا ياكى ئافغانىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشى توغرىمۇ؟ » دەپ سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارغا ھېچقاچان قانۇنلۇق بىر سالاھىيەت ياكى ھۆكۈمەت ھۆججىتى بېرىلمىگەن. ئۇلار خىتايدىمۇ ياشاپ باقمىغان ئىنسانلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق. بۇ بىرىنچى مۇھىم نۇقتا. ئىككىنچى نۇقتا شۇكى، ھەرقانداق بىرى ئەگەر مەلۇم دۆلەتكە مەجبۇرىي قايتۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ چوقۇم باستۇرۇشقا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ يەنە قايتۇرۇلسا، بۇ كىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىغا مۇساپىرلىق ئىلتىماسىنى سۇنۇش ھەم ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، بۇ كىشى چېگرادىن چىقىرىلىش ئالدىدا، ئۇنىڭ ئەرزىگە كىشىلىك ھوقۇق سوتى قانۇنىي ھۆكۈم ئارقىلىق قارار چىقىرىشى شەرت. مەن ‹بىز بۇ سوت جەريانىنى كۆزىتىشكە ھوقۇقلۇق› دەپ ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەن. چۈنكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىدىن بىرى. »

سوقېي رىچاردسون خانىم يەنە دۇنيا جامائىتىنى پاكىستاندا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈستىگە، پاكىستاندىكى بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىشى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بۇنداق بىر نازۇك ۋەزىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا قايتۇرۇلۇشىمۇ خەۋپلىك بولىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىمۇ دەل شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. »

راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلئەھەدنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر 1-نويابىرغىچە ئۇلار پاكىستان چېگراسىدىن ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتمىسە، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. ئەگەر ئۇلار ئافغانىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، خىتايغا قايتۇرۇلۇشىمىز مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ پاكىستاندا خاتىرجەم ھەم ئۇزۇن مۇددەت ياشاشقا كۆزى يەتمەيدىكەن. ئۇ: «ھېچ بولمىغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىزنى ئافغانىستان ياكى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماي، پاكىستاندا تۇرۇش مۆھلىتىمىزنى ئۇزارتىپ بەرسە، بىزنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يەرلىشىۋالغۇچە ئىجازەت بەرسە دېگەن ئۈمىدتىمىز» دېدى. ئۇ ئاخىرىدا خەلقئارا جامائەتتىن ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر بىر دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ بېرىشى ۋە يەرلىشىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.