رەھىمە مەھمۇت ئەنگلىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

8- نويابىر كۈنى ئەنگلىيە پادىشاھى ۋە خانىشى بۇككىنخام ئوردىسىدا گلۇكېستېر كىنەزلىكىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەنگلىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە، جۈملىدىن ئەنگلىيە «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى» نىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەن.

بۇ زىياپەتكە ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. رەھىمە خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ قىسقا بولسىمۇ پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. پادىشاھ رەھىمە خانىمغا ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خان جەمەتى گېزىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەنگلىيەگە كېلىپ بۇ يەردە يېڭى ھاياتىنى باشلىغان، ئۆز مەدەنىيىتى ساقلاپ قېلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان شەخسلەر، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەھىمە مەھمۇت خانىمنى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.

رەھىمە مەھمۇت خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.