رادىيومىزغا يېقىندا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 15-20 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇرۇلۇش لايىھەلەش ۋە بېزەكچىلىك كەسپىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، باش شىركىتى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ شاھساراي بىناكارلىق بېزەكچىلىك لايىەىلەش چەكلىك شىركىتى» نىڭ ساھىبى، ئۇستا لايىھەلىگۈچى رەخمەتتاي ئابدۇرېشىتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىبلىشىدىن قۇتۇلالمىغان.
بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۆزىنى نىجات دەپ تونۇشتۇرغان بىر تىجارەتچى ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە رەخمەتتاي بىلەن يېقىن ئۆتكەن بولۇپ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، رەخمەتتاي ئابدۇرېشىت لاگېر باشلانغاندىن بۇيان ئۇدا ئىككى قېتىم تۇتۇلغان بولۇپ، 2018-يىلى 7-ئايلاردا سەۋەبسىز تۇتۇلۇپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە 6 ئايدىن كېيىن 2019-يىلى، 2-ئايلاردا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇ، يەنە بىر-ئىككى ئايدىن كېيىن قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن.
رەخمەتتاي لايىھەلىگەن ئۆزگىچە ئۇيغۇر مېمارچىلىقىنىڭ خاس گۈزەللىكى گەۋدىلەنگەن داڭدار قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۈرۈمچى ئاقساراي مېھمانخانىسى، تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى، ئادىل سودا سارىيى قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدا نۇقتىلىق ئۇيغۇرلار مەبلەغ سالغان ئىنتايىن چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر ئورۇنلار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن ياۋروپا ئۇسلۇبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ لايىھىلەنگەن ۋە ئۇيغۇر بىناكارلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان قۇرۇلۇشلار ھېسابلىنىدىكەن.
بىز رەخمەتتاينىڭ تۇتۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رەخمەتتاينىڭ قۇرغان شاھساراي شىركىتى ۋە زاۋۇتلىرىنىڭ ئالاقە ئادرېسلىرى ھەم ئۇ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆردۇق. ئەجەبلىنەرلىكى رەخمەتتاي ۋە ئۇنىڭ شىركەت ھەم لايىھەلىرىگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئۇلانماس قىلىۋېتىلگەن.
رەخمەتتاي ھەققىدە ئىگە بولغان تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رەخمەتتاي بۇ يىل 48 ياشلاردا، غۇلجادا زىيالىي ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. رەخمەتتاي ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم سولانغان، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە شاڭخەيدە لايىھىلەش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ بىلىم ئاشۇرۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەسلەپ كىچىك تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنى لايىھەلەپ ۋە ھۆددىگە ئېلىپ زىننەتلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش لايىھىلەش ۋە زىننەتلەش كەسپىدىكى خىزمەتلىرى جەريانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئارخىتېكتور ۋە باشلامچى كارخانىچىلاردىن بولۇپ قالغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىكەن.
رەخمەتتاينىڭ شاھساراي شىركىتى ھۆددىگە ئالغان، داڭلىق قۇرۇلۇشلاردىن ئاقساراي، تۇمارىس مېھمانسارايلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئۇيغۇر قەدىمىي مېمارچىلىق شەكىللىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان، 2016-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققاندىن بۇيان رەخمەتتاي بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئۆزىنى ماخمۇتجان دەپ تونۇشتۇرغان بىناكارلىق ئۇستىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، رەخمەتتاي تەشكىللىگەن شاھساراي قۇرۇلۇش ۋە بېزەكچىلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئىزچىل بىناكارلىق ۋە بېزەكچىلىك ئىشلىرىنى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى، ياۋروپاچە، زامانىۋى ئۇسلۇپلاردا ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ شىركىتى قەھۋەخانا، تېز تاماقخانا، ئولتۇراق رايون، سودا-ساراي، داچا، ئولتۇراق ئۆي، مەسچىت، باغچە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىقلارنى كومپيۇتېردا لايىھىلەش ھەم بېزەش جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشتا ياخشى ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شىركىتىنى يەنە ئۆي جاھازلىرىنى ۋە بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنى ياساش زاۋۇتى ھەم سېتىش كەسىپلىرىگىمۇ كېڭەيتىپ، خېرىدارلارغا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭىيىشى ئەڭ تېز، ئەڭ ئىلغار بېزەكچىلىك كەسپىي شىركەتلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.
ماخمۇتجاننىڭ ئېيتىشىچە، رەخمەتتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان تالانتلىق ئۇستا ئۇيغۇر مېمارچى، قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى ۋە باشقىلارنى قېزىپ چىقىپ ئۇلارغا ئىش پۇرسەتلىرى ياراتقان، ھازىرقى زامان تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئىشلىتىشتىن بارغانچە قېلىۋاتقان قەدىمىي مېمارچىلىق نۇسخىلىرىنى قايتىدىن ھازىرقى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ لايىھەلەپ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان. ماخمۇتجان ئۆزىمۇ رەخمەتتاي تەكلىپ قىلغان ئۇستىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا رەخمەتتاينىڭ لايىھىلىرى، ئىشىنىڭ پۇختىلىقى ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ باھادا مۇۋاپىق ھەمدە سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى قاتارلىق تەرەپلىرىدىكى ئۈستۈنلۈكلىرى بىلەن خېرىدارلارنىڭ رازىلىقلىرىغا ئېرىشكەن.
رەخمەتتاي باشچىلىقىدىكى شىركەت بىر قىسىم ئىدارە-ئورگانلار، كارخانا، شىركەت ۋە كەسپىي ئورۇنلار بىلەن دائىملىق ھەمكارلىق ئورنىتىدىغان ئىشەنچلىك شىركەتكە ئايلىنىپ، زور مەبلەغ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئالغان. بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە بېزەش كەسپىدە، پۈتۈنلەي خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لايىھەلىرىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولۇش ھالەتكە خاتىمە بېرىلگەن.
رەخمەتتاي بىلەن ئىلگىرى رېستوران قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلاشقان ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئالمۇتادىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، رەخمەتتاينىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن يېقىندا خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە رەخمەتتاينىڭ لايىھىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك لايىھىلەش شىركەتلىرى ۋە لايىھىلەش جەمئىيەتلىرىنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ھەتتا ئوتتۇر ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇنىڭ لايىھىلىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن. مەزكۇر كىشى 2005-2006-يىللىرى رەخمەتتاينىڭ تاجىكىستان پرېزىدېنت سارىيىنىڭ لايىھىلەش ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
رەخمەتتاينىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، رەخمەتتاينىڭ ئىلگىرى مېھمانساي، ئۆي ئىمارەت قۇرۇلۇشلىرىدىن باشقا يەنە مەسچىتلەرنىڭ لايىھەلەشلىرىگىمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم. رەخمەتتاي ئۆزىنىڭلايىھەلىگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھادىسە ۋە بارلىق ئامىللارنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دەپ ساناپ يوقىتىشقا باشلىغان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ۋە مېمارچىلىقىنى كەسىپ قىلغان رەخمەتتاي ۋە ئۇنىڭ شىركىتى تەقىب نىشانىغا ئايلانغانلىقى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملاشتۇرىمىز..
0:00 / 0:00