ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى 3 ئاينىڭ ئالدىدا رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ بىر مەزگىل لاگېردا ياتقاندىن كېيىن، مەخپىي سوت ئېچىلىپ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ شۇنىڭدىن بۇيانقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مانا بۇ لىرىك ناخشىلارنىڭ ئورۇندىغۇچىسى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ سەھنىدىن-ئەل قوينىدىن ئايرىۋېتىلىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، 2 يىلدىن بۇيانقى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە كەڭ تارقالغانىدى. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدىكى بىر ئىجتىمائىي ئاخبارات خەۋىرىدە، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يېقىندا ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر مەخپىي سوتتا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر سابىق خادىمى، رەشىدە داۋۇتنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما باشقا ئەھۋالىدىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا رەشىدە داۋۇتنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە كېسىلىشىدە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى يەنى ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر قايسى ساھەلەردە باش كۆتۈرگەن سەركىلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئىنكاستا يەنە سوت ھۆكۈمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئاز بىر قىسىم ئىدارە ۋە بۆلۈم باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئۈرۈمچىدىكى «بىڭتۈەن» ( ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى) ناخشا-ئۇسۇل ۋە ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ بىر مۇدىرى، بۇ ئۆمەكتىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن سەنئەتچىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئۆمەكتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن بىرمۇ كىشى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن يېقىندا كېسىۋېتىلگەن، ئىدارە ۋە بۆلۈم باشلىقلىرىغا ئۇقتۇرۇلغان سەنئەتكارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ رەشىدە داۋۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ رەشىدە داۋۇتنىڭ كېسىلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ كېسىم مۇددىتىدىن خەۋەرسىزلىكى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ رەشىدە داۋۇت بىلەن بىر ئۆمەكتە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرادىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
بىز ئۇنىڭدىن، رەشىدە داۋۇتنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان شۇ يىغىندا، سەنئەت ساھەسىدىن يەنە كىملەرنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مەزكۇر بىڭتۈەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇل ئەترىتىنىڭ باشلىقى ماينۇر دېگەن ئايالنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇسۇل ئەترىتى باشلىقى ماينۇرنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىغاندىن كېيىن، بىز ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار سوت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى رەشىدە داۋۇت ئۈستىدىكى سوت ھۆكۈمىنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر رايونلۇق ساقچى خادىمى، ھۆكۈمنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم، رەشىدە داۋۇتنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقى، چۈنكى دېلونىڭ سىياسىي بىر دېلو ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىرغىچە بولغان ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئاتاقلىق سەنئەتكار رەشىدە داۋۇتنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى، ئەمما كېسىلگەن يىل مۇددىتى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00