بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىر مەزگىل لاگېردا ياتقاندىن كېيىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدى. ئوتتۇرا سوتتىكى ئالاقىدار بىر بۆلۈمنىڭ خادىمى ئۆزىنىڭ رەشىدە داۋۇت ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمىنى تېخى كۆرمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى 15 يىللىق كېسىلدى دەپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئەڭ يۈكسەك دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا ئىزچىل ھالدا سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر تۇتقۇنلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاخباراتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىنمۇ يوشۇرماقتا. شۇڭا ئاتاقلىق ناخشىچى رەشىدە داۋۇتنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبى، بولۇپمۇ كېسىلگەن مۇددىتى ھەققىدە بۈگۈن يەنە بىر تۈركۈم ئىدارە ئورگانلارنى زىيارەت قىلدۇق.
ئاتالمىش ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ رەشىدە داۋۇت ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
تۈنۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۈرۈمچىدىكى بىر رايونلۇق سوت ئورگىنى رەشىدە داۋۇت ئۈستىدىكى ھۆكۈمنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغانلىقى، شۇڭا جازا مۇددىتىنىمۇ شۇلارنىڭ ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتىكى بىر خادىم ئۆزىنىڭ رەشىدە داۋۇتنىڭ كېسىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمنى جىنايى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى ئېنىق جاۋابنى شۇ بۆلۈمدىكىلەرنىڭ بېرەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتىكى ئالاقىدار بىر بۆلۈمنىڭ خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ بۆلۈمگە يېڭىدىن كەلگەنلىكى، شۇڭا رەشىدە داۋۇت ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمىنىڭ تېخى قولىغا تەگمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ پەقەت خىزمەتداشلىرىدىن «رەشىدە داۋۇتنى 15 يىللىق كېسىلدى» دەپ ئاڭلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
رەشىدە داۋۇت ھەققىدە ئىگىلەنگەن يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئورگانلار ئارقىلىق بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ يۈكسەك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە تارقالغان ھەرقانداق بىر خەۋەردە كەمتۈكلۈك ياكى باشقا مەسىلە كۆرۈلسە، بۇنىڭغا جاۋابكار تەرەپنىڭ چوقۇم خىتاي دائىرىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00