ۋاشىنگتون شەھىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ پىغانى» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆلەمدە قىرغىنغا ئۇچراش پاجىئەسى ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ ئېيتىلغان «ئەمدى قايتىلانمىسۇن!» شوئارىنىڭ 21-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلىنىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئىخچام تەسۋىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ پاجىئەلىك تارىخىي كرىزىسنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋالىنى ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساھە كىشىلىرىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن 14-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رۇشەن ئابباسنىڭ بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ پىغانى: جازا لاگېرلىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا!» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى رەسىملەر كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ سەرسانچىلىقى، ھىمايىسىز قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تويلىشىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بىناكارلىق ۋە سەنئەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ھەربىي ئىشغالىيەت ھالىتىدە ساقلىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ھەقىقىي رەسىملەر ئارقىلىق ئىخچام ۋە جانلىق ئىپادىلەنگەن ئىدى.

كۆرگەزمە ھەققىدىكى بىلدۈرگىدە بۇ قېتىمقى رەسىم پائالىيىتىنىڭ «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ھەرىكىتىدىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق دۇنياۋى مىقياسنى كۆزلىگەن پائالىيەت ئىكەنلىكى، «ئۇيغۇرلارنىڭ پىغانى: جازا لاگېرلىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا!» تېمىسىدىكى بۇ كۆرگەزمىنىڭ 15 دۆلەتتىكى 33 شەھەردە بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بۈگۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.

كۆرگەزمە باشلانغاندىن تارتىپ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ئامېرىكالىقلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغۇچى بىر قىسىم كىشىلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن زالغا كىرىپ، رەسىملەرنى زور قىزىقىش ئىچىدە كۆرۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رەسىملەردىكى مەنزىرىلەردىن ھەيرانلىق ھېس قىلسا، يەنە بەزىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەققىدە كۆرگەزمىنى تەشكىللىگۈچى روشەن ئابباستىن تۈرلۈك سوئاللارنى سورايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بەس-بەستە بۈگۈنكى كۆرگەزمە ھەققىدە روشەن ئابباس ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلماقتا ئىدى.

بىز كۆرگەزمە ئارىلىقىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى روشەن ئابباسنى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ، يىغىنلاردىكى مۇھاكىمە شەكلىدىن باشقا رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى تېخىمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا ئۆز پىداكارلىقىنى ئايىمىغان ئىدى. 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىب ۋە مائارىپچى يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى كامالتۈرۈكمۇ دادىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئەمگەكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ رەسىم تاختىسىنى تەييارلاپ كەلگەن ئىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىلىق سۆزلەشكىنىمىزدە كامالتۈرۈك دادىسى ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى ھۆرلۈككە چىقمىغۇچە ئۆزىنىڭ بۇ يولدىن قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۈچۈن ئالاھىدە كالىفورنىيەدىن كەلگەن تومارىس ئالماس ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ كۆرگەزمىگە تىزىلغان رەسىملەردىن خۇددى ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە مۇھاجىرەتتىكى ھەممىلا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رەسىملەر كۆرگەزمىسى بىر-بىرلەپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە بىلدۈرۈش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.