رەسسام سابىتجان باباجانوفنىڭ «ھايات يولى» ناملىق كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە 82 ياشلىق مەشھۇر رەسسام سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوفنىڭ شەخسىي كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. «ھايات يولى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۆرگەزمە سەنئەتچىلەر ئۆيىدە 3-مارت باشلانغان بولۇپ، 12-مارتقىچە داۋام قىلىدۇ. كۆرگەزمىدە گرافىك ئۇسلۇبىدا سىزىلغان قىرغىز ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ئىجادىيەت پائالىيىتىگە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەنئىتىگە ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئەرباب ئاسسول مولداقماتوۋا، قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى، مۇخبىرلار، سەنئەتسۆيەرلەر ۋە كۆپ ساندا جامائەت ئەربابلىرى قاتناشتى. ئاسسول مولداقماتوۋا شۇ كۆرگەزمىدىن تەسىرلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىنستاگرام تور سەھىپىسىدە «سابىتجان باباجانوفدەك رەسسام دۆلەت مىراسىدۇر» دەپ يازغان. مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇمېجىت ھۈسەينوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سابىتجان باباجانوفنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى سۈرەتلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۇنى «ناھايىتى مېھنەتكەش رەسسام» دەپ ئاتىدى.

82 ياشلىق مەشھۇر رەسسام سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوفنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى. 2023-يىلى مارت.
82 ياشلىق مەشھۇر رەسسام سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوفنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى. 2023-يىلى مارت. (RFA/Féruze)

پېشقەدەم رەسسام ھەر يىلى ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆرگەزمىلىرى بىلەن جامائەتنى سۆيۈندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ، قىرغىزىستان سەنئىتىگە قوشقان ھەسسىلىرى ئۈچۈن 1993 يىلى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەمگەك سىڭدۈرگەن رەسسام» دېگەن ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنىدى. ئۇ، 2016-يىلى موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ رۇس خەلقىگە ئۇيغۇر دەۋاسىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تونۇشتۇرغانىدى. سابىتجان ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئەنئەنىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئېھسان» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغانىدى.

مەلۇمكى سابىتجان باباجانوف تۈرلۈك ماھارەتلەر بىلەن رەسىم سىزغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۆرگەزمىسىدە مانا شۇ ماھارەتلەر بىلەن سىزىلغان ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدۇ. سابىتجان باباجانوف مەزكۇر كۆرگەزمىدە گرافىك ئۇسلۇبىدا سىزغان ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ 80 ياشلىقىغا بېغىشلىغان «كارۋان ئىزىدا» دەپ ئاتالغان رەسىم كىتابچىسىنى تارقاتتى. بۇ كىتابچىدىكى ئەسەرلەردە رەسسامنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ھەسرىتى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىتجان باباجانوف كۆرگەزمە ۋە رەسىم كىتابچىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلى تېمىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەشھۇر رەسسام سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوفنىڭ 80 ياشلىقىغا بېغىشلىغان «كارۋان ئىزىدا» دەپ ئاتالغان رەسىم كىتابچىسىغا ئېرىشكەن ياش. 2023-يىلى مارت.
مەشھۇر رەسسام سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوفنىڭ 80 ياشلىقىغا بېغىشلىغان «كارۋان ئىزىدا» دەپ ئاتالغان رەسىم كىتابچىسىغا ئېرىشكەن ياش. 2023-يىلى مارت. (RFA/Féruze)

سابىتجان باباجانوفنىڭ ئىجادىيىتىدە پەلسەپە، تەبىئەت ۋە ۋەتەن تېمىلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان سەنئەت سۆيەرلەر سابىتجان باباجانوفنىڭ ئىجادىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا، ئۆزلىرىنىڭ تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئاكادېمىك مەرھۇم ئەزىز نارىنبايېف، مېدىتسىنا پروفېسسورى نۇرمۇھەممەد باباجانوف، پۇتبول چولپىنى يۈسۈپ مۇسايېف، چېلىشىش ماھىرى فارخاد ھۇشۇروف، قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كارىموف ۋە باشقىلارمۇ پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە، ئوتتۇرا ئاسىياغا ياخشى تونۇلغانىدى.

سابىتجان باباجانوفنىڭ نامىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رەسساملار ئارىسىغا ئۇزۇندىن بۇيان تونۇشلۇقتۇر.