ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «ۋوكس» (Vox) مۇكەممەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىدىيە، سىياسەت ۋە پىلانلارنى ئالغا سۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش مەقسىتى بىلەن «مۇكەممەل كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تىزىملىككە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ھەر ساھەدىن كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەر، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ خىزمىتى، پىكرى، ئىدىيەسى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق ۋە مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇۋاتقان شەخسلەر باھالىنىپ كىرگۈزۈلگەن. بۇ يىل مانا بۇ تىزىملىكتىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادوۋكات رەيھان ئەسەت ئورۇن ئالغان.
ئادوۋكات رەيھان ئەسەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللانغان 50 نەپەر «مۇكەممەل كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار» نىڭ بىرى بولغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رەيھان ئەسەتنى زىيارەت قىلدۇق ۋە ئۇنى تەبرىكلىدۇق.
ئۇ زىيارىتىمىزدە ئۆزىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشىدىكى سەۋەبنى يالغۇز ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان تونۇش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمغا بولغان تونۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ شۇنچە ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ تېنچلىقپەرۋەر ۋە ئاقكۆڭۆللىكىدەك روھىنى ساقلاپ قېلىشىدەك ئېسىل پەزىلىتىگە بولغان تونۇش، دەپ باھالىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر تاللانغان بۇ تىزىملىكتە CRISPR گېن تەھرىرلەش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم جېننىفېر دودنا (Jennifer Doudna) ۋە شۇنداقلا يەنە ھازىرقى تېخنىكىلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى نابۇت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى كېۋىن ئېسۋېلت (Kevin Esvelt)، سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنىڭ ئىنسانلار توپىدىن ئېشىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچى ئاجىيا كوترا (Ajeya Cotra)، بېلىقلارنىڭمۇ ئاغرىقنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى قوغداشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھايۋاناتشۇناس لىننې سنېددون ۋە شۇنىڭدەك مۇھىت بۇلغىنىشى، نامراتلىق، ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە تەدبىر يارىتىۋاتقان ئونلىغان كىشىلەر يەر ئالغان.
ئادوۋكات رەيھان ئەسەت بولسا ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش لاگېرغا قامىلىشى بىلەن باشلىغان پائالىيەتچىلىك ھاياتى، يەنى ئۇنىڭ دۇنيادا ئۆچمەنلىكنى يوقىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان خىزمەتلىرى ئۈچۈن لايىق كۆرۈلگەن.
رەيھان ئەسەت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم، يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي غورورى بىلەن ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق، دۇنيادىكى پۈتۈن خەلقلەرنىڭ غورۇرىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر، دەيدۇ.
«ۋوكس» خەۋەرلىرى رەيھان ئەسەت ھەققىدە يازغان تونۇشتۇرۇشىدا، رەيھان ئەسەتنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسەت ھەمدە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قىلىش، بولۇپمۇ سۈكۈت قىلىش ياكى ئائىلىسىنى خەۋپكە ئىتىرىش بەدىلىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش يولىدان ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما «رەيھان ئەسەتنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزى سۆيگەن ئىنىسى ۋە خەلقىنى تاللىغانلىقىنى» بايان قىلغان.
«ۋوكس» خەۋەرلەر تورى يۇقىرىقى «مۇكەممەل كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار» تىزىملىدىكىگە كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك شەرھىلىگەن: «تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان ئىسىملارنىڭ ئورتاقلىقى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىزگە بېرىلگەن دۇنيادىنمۇ ئەركىن، تېخىمۇ ئادىل ۋە بىخەتەر دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ بىر قىسمى بولۇشتەك ئىرادىسىدۇر. . . . ئۇلار چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاخىرەتنىڭ قورقۇنچى ئىچىدىمۇ، رېياللىقنى ياخشىلىققا بۇراشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.»
ئادوۋكات رەيھان ئەسەت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر ئۇيغۇرلار لاگېردىن چىقمىسا، ئۇلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇم ئاياقلاشمىسا، گۈزەل ۋە مۇكەممەل كېلەچەكتىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا، يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشقا، شۇنداقلا بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ئادوۋكات رەيھان يەنە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەردىن ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەردىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.