13-نويابىر ئامېرىكادىكى بىراندىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بىر نەزەر» دېگەن تېمىدا تور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە بۇ يىغىن كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان.
مەزكۇر تور ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان رەيھان ئەسەت 14-نويابىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىگە مۇنداق دەپ يازغان: «تۆنۈگۈن مەن بىراندىس ئۇنىۋېرسىتېتى زۇم ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرغان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئىدىم. دوكلات بېرىش جەريانىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ ئىكرانىمغا قالايمىقان خەتلەرنى يېزىپ، دوكلات بېرىشىمگە توسالغۇلۇق قىلدى. مەن ئاخىرىغىچە ناھايىتى تەستە داۋام قىلدىم. مەن ئۇلاردىن مەدەنىيرەك بولۇشىنى، پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدىم.»
رەيھان خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىن جەريانىدا كومپىيۇتېرىم باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋالغاندا مەن بىرئاز جىددىيلەشتىم، بىئارام بولدۇم. شۇ چاغدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرغان ئىنىم يادىمغا كېلىپ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ بۇنداق قورقۇپ كەتسەم، ئىنىمنىڭ ئۇ يەردىكى ئازابىنى تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئويلىدىم.»
بۇ تور ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنىغا رەيھان خانىمدىن باشقا ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس، ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس جەيمىس مىلۋارد، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇلار دوكلات بەرگەن ۋاقىتتا خىتاي ئوقۇغۇچىلار قالايمىقان ئاۋاز چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىكراننى قالايمىقان قىلمىغان.
جەيمىس مىلۋارد ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن جەريانىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، يىغىن باشلانغاندا ئارقا تەرەپتىن قالايمىقان ئاۋازلار كېلىشكە باشلىغان. ھەتتا گاردنېر بوۋىڭدون ئەپەندى دوكلات بېرىشكە باشلىغاندا تۇيۇقسىز خىتاي «دۆلەت مارشى» قويۇلغان، كېيىن تەشكىللىگۈچىلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان. ئاخىرىدا سۇئال ۋە جاۋاپ قىسىمىغا كەلگەندە «باشقۇرغۇچى» (administrator) ئىسىمىدىكى بىر قاتناشقۇچى «سوئالىم بار» دەپ چىقىپ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدە ئۇزۇن «لېكسىيە» سۆزلەشكە باشلىغان. يەنى يىغىن باشتىن-ئاخىرى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان.
جەيمىس ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «كىشنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى ئۇلار ئاق تەنلىك، ئەر كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك قىلماي، ئىنىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇر قىزنى تاللاپ ھۇجۇم قىلدى. بۇ بەك ناچارلىق. مەن بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلدىم، ماڭا ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان. رەيھان خانىم نەچچە يىلدىن بىرى ئىنىسىدىن خەۋەر ئالالماي ناھايىتى ئىغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرسى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى رەيھان خانىمغا پاراكەندىچىلىك قىلىشى بەك رەھىمسىزلىك.»
رەيھان خانىم ئاشۇ يىغىندىن كېيىن نۇرغۇن ئويلانغانلىقىنى، ناھايىتى بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئاشۇ كۈنى ئۇلار زۇم ئارقىلىق ئىنىمنىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى رەسىمىنى ئۆچۈرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشتى. بۇ دەل خىتايدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆچۈرۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلەن ئوخشاش.»
كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ستېۋېن ئادائىر زۇمدىكى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى تخنىكىلىق تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋال زۇمغا سوقۇنۇپ كىرىپ ياكى كومپيۇتېرغا ئوغرىلىقچە كېرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھادىسە ئەمەس. زۇمدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا تىزىملىتىپ كىرگەن بىرسى زۇمنىڭ تېخىنىكىلق ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلانغان. ئېكراننى كونترول قىلىپ، زۇمدا خەت يىزىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق دوكلات بەرگەن كىشىنىڭ ئېكراننى قالايمىقان قىلالىغان. ئەگەر يىغىننى باشقۇرۇۋاتقان كىشى يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىۋەتمىسە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەشغۇلاتلارنى قىلايدۇ.»
بۇ تور ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان تارقىتىلغاندا بىراندىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى» مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئەرز قىلىپ، بۇ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
«خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ براندىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا تارقاتقان بىر پارچە خېتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بولۇپ، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «براندىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار، ياخشىمۇسىلەر! بىز بىراندىس ئۇنىۋېرسىتېتى ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى›. مەكتەپنىڭ يېقىندا ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بىر نەزەر› دېگەن تىمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ يىغىن ‹ئېزىلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش› نى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ يىغىندا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە ۋە ئاغزاكىي نارازىلىق بىلدۈرىدىكەن ھەمدە سىياسىي ئادالەت تەلەپ قىلىدىكەن. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىپ، دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى دۇچ كەلگەن خىرىسلاردىن خەۋەردار قىلىدىكەن. بىز جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەكتەپتىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلەيمىز. . . ئەمما بىز جۇڭگوغا قارشى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىمىز. . . بىز كۆپچىلىكنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مەكتەپ دائىرىلىرىنى بۇنداق مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز. بىز مەكتەپ دائىرىلىرىدىن بىرىنچىدىن، يالغان ئۇچۇر تارقاتماسلىقنى؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتىنىنى ھۆرمەتلەشنى؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە بىخەتەر ھېس قىلدۇرۇشنى؛ تۆتىنچىدىن، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىمىز.»
جەيمىس مىلۋارد ئەپەندى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەكسىچە تەسىر بېرىپ، يىغىنغا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشىغا سەۋەپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئوقۇغۇچىلار يازغان خېتىدە سۆز ئويۇنى ئويناپ، ئۆزىنى زىيانلانغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق پىروفىسورلارنىڭ سۆزىنى يالغانغا چىقارماقچى بولغان. كىشىنى ئۈمدسىلەندۈرىدىغىنى ئۇلار ئامېرىكادا ‹ئاسىيالىق› دەپ ئىرقىي كەمسىتىشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا دەل شۇ مۇئامىلىنى قىلدى.»
رەيھان سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق مەردانىلىق بىلەن: «ئۇلار مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى. لېكىن مەن ئىنىم ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتاپ قويدۇم. مەندىكىسى بىر ئاچىنىڭ ئىنىسىغا بولغان ئەڭ ساپ قېرىنداشلىق مۇھەببىتىدۇر.»
0:00 / 0:00