«رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى» خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار فىلىم فېستىۋالىدا كۆرسىتىلىشكە تاللانغان
2023.06.08

خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» دېگەندەك مەخسۇس سىياسەت ۋە سۈنئىي تەشۋىقات پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ تەنقىدلىنىۋاتقاندا، خەلقئارادىكى مۇستەقىل كەسپىي فىلىم ئىشلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك ۋە ھېكايە فىلىملەرمۇ مەيدانغا كەلمەكتە. 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار يارقىن فىلىملار فېستىۋالى (SWIFF) دا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىلغان. (SWIFF) دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنو-فىلىم كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە سەنئەت تالانتىنى نامايەندە قىلىدىغان ئالدىنقى سۇپا.
بېلگىيەدىكى ياش فىلىم ئىشلىگۈچى ئەسما گۈن ئىشلىگەن «رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى-بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان» ناملىق فىلىم مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان ۋە كۆرسىتىشكە تاللانغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ھۆججەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگۈچى بىريوسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى ئەسما گۈن ( Esma Gun) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى» نىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىش پۇرسەتلىرى يارىتىشنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ فىلىم فېستىۋالىنىڭ دىرېكتورى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى‹رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى› نىڭ فىلىم فېستىۋالىغا تاللىنىپ قالماي يەنە فېستىۋال ئېكرانىدا كۆرسىتىلىدىغان نادىر فىلىملار قاتارىغا كىرگەنلىكىنى بىۋاسىتە خەۋەر قىلدى. بۇ نۆۋەت بۇ فېستىۋالغا 18 مىڭدىن ئارتۇق فىلىم ئىشلىگۈچى قاتنىشىدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى فېستىۋالغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى كۆرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ‹رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى› ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تۇنجى فىلىم ھېسابلىنىدۇ«.
رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى ناملىق فىلىم 7 مىنۇتلۇق قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، ئەسما گۈن فىلىمنى ئىككى يىل ئاۋۋال سۈرەتكە ئېلىپ كىرىشتۈرۈش جەريانىدا، جەمئىي ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلغانىكەن. بۇ فىلىمىدا-2017 يىلى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى جەريانىدا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسىنى ئېلىپ بېلگىيەگە قېچىپ كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇر ئايال رەيھانگۈل توختى خانىمنىڭ، تەقدىر قىسمەتلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بىگۇناھ ھالدا لاگېرلارغا قامالغانلىقى يورۇتۇلغان. بېلگىيەدە، يەنى ئىككىنچى يەنە بىر دۆلەتتە يېڭىدىن مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشلىغان رەيھانگۈلنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 يىلدىن بۇيان ۋەتىنىدىكى ئائىلىسىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى جاسارەتلىك ھالدا نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ قىسقا ئەمما تەسىرلىك فىلىم، رەيھانگۈلنىڭ «ۋەتەن بىزنىڭ، بىز ھامان شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالىمىز. . .» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
بىريۇسسېلدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەسما گۈن رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
»بېلگىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە كۆپ ئاڭلىمايمىز، شۇڭا فىلىم ئىشلەش كەسپىنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش تەقەززاسىدا بولۇپ كەلگەنىدىم. بۇ ھەقتە بىر ئۆزبېك دوستۇمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، دەسلەپ بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن مەسلىھەت سورىدىم، ئۇلار ماڭا رەيھانگۈلنى تونۇشتۇردى. رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر بىز ئاڭلىغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. رەيھانگۈل ئۇيغۇر دىيارىدىن بىۋاسىتە ياۋروپاغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ماسلىشىپ، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەن مىسىردەك بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدىن قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ قىسمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ تەسىرى ئېغىر، سىياسىي جەھەتتە ئاجىز دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا زۇلۇمغا ۋە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلاپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مىسىرنىڭ خىتايغا مايىل بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئەسلىدە چوڭ بىر شەرمەندىلىك«.
ئۇ يەنە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى:
»رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشۇشقا باشلاپ كىردى دېسەم بولىدۇ. مەن بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە-2019 يىلىدىن باشلاپ ئىشتىراك قىلىشقا باشلىدىم. نامايىشلارغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش توغرۇلۇق نۇتۇق سۆزلىدىم ۋە ئاساسلىق پائالىيەتلىرىم ياۋروپا بازىرىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قوشۇلغان مودا كىيىم ۋە بۇيۇملارنى بايقۇت قىلىشقا مەركەزلەشكەن. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يەنىمۇ تەسىر قوزغىغۇدەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىشىمىز زۆرۈر«.
ئەسما گۈن بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىنى فىلىم ئارقىلىق دۇنياغا ئاشلىتىش تەقەززاسىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىلنى مۇنداق چۈشەندۈردى:
»خىتاينىڭ قۇدرىتىنى يەنە 10-15-يىل ساقلاپ ھېس قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان ۋاسىتىلىرىدىنلا ئۇنىڭ كۈچىنى كۆرەلەيمىز، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنى دۇنيانىڭ كۆرۈشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدا زۇلۇمغا ئۇچراپ قالماي، كىشىلەرنىڭ ياۋروپا ئامېرىكىدا تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىش دېگەندەك كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋاسىتىلىك قوللىغانلىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.«
ئەسما يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلەشنىڭ رىقابەتلىك بولسىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
»فىلىم ساھەسىنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. كىنو-فىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى كونتروللۇقىنىڭ نەتىجىسى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىنىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش زور رىقابەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ئەمما ‹رەيھانگۈلنىڭ ھېكايىسى› بۇ فىلىم فېستىۋالدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، بۇنىڭ دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ مەتبۇئاتلار ۋە فىلىم ساھەسىدىكىلەرنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يورۇتۇشقا قىزىقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.«
بىز يەنە مەزكۇر فىلىمدىكى باش قەھرىمان، 2017-يىلىدىن باشلاپ بېلگىيەدە پاناھلانغان رەيھانگۈل توختىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ خىتاينىڭ گۆرۈسىگە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رەيھانگۈل، مەزكۇر فىلىمغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قىلالايدىغان ئىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بېلگىيەدە تۇغۇلغان تۈرك قىزى ئەسما گۈن، بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمى ستۇدېنتى بولۇپ، ئۇ يەنە قوشۇمچە سېنارىيە ۋە فىلىم ئىشلەش كەسپىدىمۇ دەرسلەرنى ئالماقتىكەن. ئۇ يەنە يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۆتكۈزگەن نامايىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى. ئەسما گۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قۇللۇق ئەمگىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سەنئەتلىك ۋە ئىنتايىن ئىجادىي شەكىللەردە ئاڭلىتىشتا يېڭىلىق يارىتىپ كېلىۋاتقان ياش ئاكتىپ سانىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى-2021 يىلى1-يانۋار ئۆزگىچە شەكىلدە داڭلىق ماركىلارنىڭ ژۇرنال مۇقاۋىسى سۈرىتىگە تەقلىد قېلىپ تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان دۇنياۋى ماركىلارغا قارشى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى بۇ نامايىشى ئارقىلىق، مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەلگىلىك دىققەت قوزغىغانىدى.
ئەسما گۈن، زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بىر تۈرك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشى بارلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
»مەن بېلگىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ئەمما تۈرك قىزىمەن. خەلقلەر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ھەممىسىنى رەزىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە تۈرك خەلقى خۇددى ماڭا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلسىمۇ، ئەمما چوڭ ياردەمدە بولالاماي كەلمەكتە. بىراق مەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنى بىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەنكى، ئۇيغۇرلار ھەمىشە تۈركلەرنىڭ يۈرىكىدە. مەن كىنو سنارىستلىقىنى ئۆگىنىۋاتىمەن، بۇ فىلىم ئارقىلىق فىلىم ئىشلەش ساھەسىگە تۇنجى قەدىمىمنى باستىم دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىنو فىلىملارنى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىمەن».
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلگەن SWIFF فىلىم فېستىۋالى يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى چوڭ ئېكراندا نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. فېستىۋالغا تاللانغان فىلىملارغا تۈرلەر بويىچە مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغانىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، SWIFF ئامازون Prime Video بىلەن تارقىتىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق يەنە، نادىر فىلىملارنى خەلقئارالىق تارقىتىش سۇپىلىرىدا قويۇشقا ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنداقلا فېستىۋالىنىڭ دىگىتال سۇپىسى فىلىملارنى «كىنو ئولتۇرۇشى» پروگراممىسىدا كۆرسىتىدىكەن ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ھەم سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلىگەن ھېكايە ۋە چۈشەنچىلىرىنى podcast ئارقىلىق تاماشىبىن ۋە ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشى ئۈچۈنمۇ سەھنە ھازىرلاپ بېرىلگەنىكەن.