ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمى—«مەڭگۈلۈك رىشتە—بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىماسى» ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2025.01.31
mengguluk-rishte-1 «مەڭگۈلۈك رىشتە - بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىيماسى» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە جامائەتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2025-يىلى يانۋار.
Photo: RFA

24-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ «مەڭگۈلۈك رىشتە— بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىماسى» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمى ۋىرجىنىيەنىڭ فەيىرفاكىس شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشتۇرۇلۇپ زور قىزىقىش قوزغىدى.

 گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى ئىمزالىق تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئائىلە-مۇھەببەت، ئانا يۇرت سۆيگۈسى ۋە ھايات ھەققىدىكى قاراشلىرى يېزىقچىلىق ساھەسىدە تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. توپلامدىكى بىرقانچە پارچە شېئىر يەنە ئۇنىڭ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە دېكلاماتسىيە قىلىنىپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا 110 پارچە شېئىر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان يازغان 300 دىن ئارتۇق شېئىرىنى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، قايتىدىن رەتلەپ چىقىپ، بۇنى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى سۈپىتىدە ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.

«مەڭگۈلۈك رىشتە - بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىيماسى» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى. 2025-يىلى يانۋار.
«مەڭگۈلۈك رىشتە - بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىيماسى» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى. 2025-يىلى يانۋار.

 گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئەمەلىيەتتە بالىلىق مەزگىلىدىلا باشلانغان بولۇپ، غۇلجىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئەينى چاغدىكى ئۆسمۈرلەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇ، 1985-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ، ئىقتىساد كەسپىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بولسا، شېئىرغا بولغان قىزىقىشى سەۋەبلىك قوشۇمچە شېئىر يېزىش ئۇسلۇبلىرى ھەققىدە تاللانما دەرس ئالغان. بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكادا ياشىغان بۇ يىللاردىكى ھايات كەچمىشلىرى ۋە ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىنگلىز تىلىدا شېئىر ئارقىلىق خاتىرىلەپ چىقىشىغا كەسپىي جەھەتتىن ئاساس بولغان. ئۇ يەنە ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى بىرقانچە شېئىر ئىجادىيەت كۇلۇبلىرىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.

ئۇ، ئالدىنقى يىللاردا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن، 300دىن ئارتۇق شائىرنىڭ توردا شېئىر ئىجاد قىلىش مۇسابىقىسىگە «خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى» ناملىق شېئىرى بىلەن قاتناشقان ئىكەن.

گۈلناز ئابدۇقادىر خانىم يەنە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، شېئىرلىرىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋە ۋەتىنىگە بارالمايۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ئانا يۇرت سۆيگۈسى، سېغىنىش ھېسلىرى ھەم مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتى تېما قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھايات خاتىرىسىدىكى فوتو سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلگەن بۇ شېئىرلار توپلىمىدا گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ ئائىلە-مۇھەببەت، ھىجران ۋە سېغىنىش تۇيغۇلىرى، ئانا يۇرت ۋە قېرىنداشلىق مېھرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر، يات ئەللەردىكى ھايات قاينىمىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئانىنىڭ قەلبى ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئىزھار قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنى مەزمۇن جەھەتتىن 6 چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدىكەن.

«مەڭگۈلۈك رىشتە - بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىيماسى» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ يولدىشى شۆھرەت سەيدىئەخمەت گۈل تەقدىم قىلدى. 2025-يىلى يانۋار.
«مەڭگۈلۈك رىشتە - بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىيماسى» ناملىق ئىنگلىزچە شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ يولدىشى شۆھرەت سەيدىئەخمەت گۈل تەقدىم قىلدى. 2025-يىلى يانۋار.

گۈلناز خانىم يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكادا ئۆسۈپ چوڭ بولغان كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئانا يۇرتى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشىغا پۇرسەت يارىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرى راھىلە كامال خانىم سىن ئارقىلىق يوللىغان تەبرىك سۆزىدە، گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى ۋە يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتە يېزىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. شائىر راھىلە كامال خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گۈلناز خانىمنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تويۇنغان شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا بىۋاسىتە يېزىلىشىنىڭ يۇقىرى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

راھىلە كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ غەرب كىلاسسىك شېئىرىيەت نەزەرىيەسىنى ئۆز شېئىرلىرىدا يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدىكەن.

گۈلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇش كېچىلىكىگە يەنە «مېھرىبان ئانىلار ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان. مەكتەپنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت، گۈلناز خانىمنىڭ بىرقانچە شېئىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلىشى جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسا، ئۇنىڭ سىنىپىدىكى بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ گۈلناز خانىمنىڭ شېئىرىنى كوللېكتىپ ھالدا ئىنگلىزچە دېكلاماتسىيە قىلىشى يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنىدى.

روشەن خەمىت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ شېئىرلارنىڭ بالىلاردا ئانا يۇرت سۆيگۈسى ۋە ئۆز ئۆرپ-ئادىتىگە بولغان يېقىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەت ئەللەردە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ۋە تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى گەرچە ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاتىنى چىقىرالىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان باغلىنىش ھەم سۆيگۈسىنى يېتىلدۈرۈشتە، بىۋاسىتە ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ ئىكەن.

«مەڭگۈلۈك رىشتە-بىر ئائىلىنىڭ شېئىردىكى سىماسى» ناملىق مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىم، ئامېرىكاغا كېلىپ ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان دۇنيا بانكىسىدا ۋە باشقا ئورۇنلاردا خەلقئارالىق مالىيە پىلانلاش ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە 30 نەچچە يىل ئىشلىگەن.

ئۇ، پېنسىيەگە چىققان بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، مەبلەغ سېلىش، پېنسىيە سوممىلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، مېھرىبان ئانىلار ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى قاتارلىقلار بىرلىشىپ تەشكىللىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.