يېقىندا شىۋىتسىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى پاترىك خەلزون «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان روھىي زەربە ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش خەۋپى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن بولغان بېغىنىڭ ئۈزۈلىدىغانلىقى، ئەكسىچە ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىدە تەربىيەلەنگەن ۋە خىتايچە سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىدەك بىر ئېغىر خەۋپتىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ»، ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي سەۋەبىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ باقمىدى،» دەپ يازىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە ھازىر تەخمىنەن 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بولسا يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنىپ خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە: «بۇ بالىلار ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلىنغان. بۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىلى بىلەن تەربىيەلەنگەن. بۇنىڭدىكى نىشان بولسا مۇتلەق ئاسسىمىلىياتسىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر،» دەپ يازغان. بىز بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى پاترىك خەلزوننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەھدىتلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ياكى «تېررورلۇقنى يوقىتىش» ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا كوللېكتىپ ھالدا جازالاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى، يەنى ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى، كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان، ئۇيغۇر بولۇشنىڭ نېمىلىكىنى، ئانا تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىلمەيدىغان يېڭىچە ئادەملەرنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەت. يەنى بۇ دېگەنلىك مۇتلەق ئاسسىمىلياتسىيە دېگەنلىكتۇر»
ئاپتور ماقالىسىدە يۇقىرىدىكىدەك ھالەت داۋاملاشقان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئەمنېسىيە، يەنى كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتيىش جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر خاس ئاتالغۇ بولۇپ، پاترىك ئەپەندى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇنى قوللانغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: «قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمنېسيە دېگەنلىك بىر خەلق ئۆزىنىڭ زېمىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تىلى قاتارلىقلاردىن ئايرىلىپ قالغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ يىلتىزى ۋە كىملىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بۇ ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتتىم. ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندە 11 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان، نوپۇس جەھەتتىن شېۋىتلەردىنمۇ كۆپ بولغان بىر مىللەت، بۇنداق چوڭ مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئاسان يوقىماسلىقى كېرەك، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ خەۋپنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.»
پاترىك خەلزون ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇرلۇقىنى بىلمەيدىغان ئادەملەر» قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار سىياسىي تاكتىكىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. مەسىلەن، بىنا-ئىمارەتلەردىكى ۋىۋىسكىلاردىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى، رېستوراندا «ھالال» بەلگە بولۇشىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى، ساقال قويغان ياكى ياغلىق ئارتقانلارنىڭ جازالانغانلىقى، تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇرچە ۋە باشقا يەرلىك مىللەت تىللىرىدا خېلى كۆپ ئەدەبىي ئەسەرلەر نەشر قىلىنغان بولسا، ھازىر بۇلارنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي خىتايچە كىتابلار ئىگىلىگەنلىكىدەك ئەھۋاللارنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ھەقققىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:
«تەخمىنەن بىر مىليون كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› قا ماھىل ياكى ئەمەسلىكىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدىكى ‹توغرا› ئادەتلەر بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە ئاتالمىش ‹ئاشقۇن ئىدىيە› لەردە بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.»
ئۇ خىتاي دەۋاتقان «ئاشقۇن» ئۇقۇمى بويىچە ئالغاندا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئىسلامغا ئائىت نەقىشلەر ياكى ئۆيىدە «قۇرئان» ساقلاشنىڭمۇ ئاشقۇنلۇق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتكەن.
ئۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلۇققا دائىر ھەممە نەرسىنى ياكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىپادىلىنىشىنى «ئاشقۇنلۇق» دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلۇقنى بىلمەسلىك، نېمىنىڭ رادىكال ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان روھىي زەربىسى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. مەن ھازىر ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ ھالدا ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن، دېدى
بىز پاترىك خەلزون بىلەن يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلىرى ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەشتۇق. پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.
0:00 / 0:00