روشەن ئابباس: «ياپونىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى 7G يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت، 14-15-فېۋرال كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يازما ۋە ئاغزاكى شەكىلدە سۇنغان. بۇ رەھبەرلەر مەزكۇر تەلەپلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئورۇنلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسى سىياسىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاگىۋۇدا كويچى ئەپەندى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر ياپونىيە ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى كادا يۈكىكو خانىم(سولدىن ئۈچىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى فېۋرال، ياپونىيە.
روشەن ئابباس خانىم، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر ياپونىيە ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى كادا يۈكىكو خانىم(سولدىن ئۈچىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى فېۋرال، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

مەزكۇر ھەيئەت 14-فېۋرال كۈنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسى سىياسىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاگىۋۇدا كويچى، پارلامېنت ئەزاسى ياماتانى ئېرىكو خانىم بىلەن؛ 15-فېۋرال كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى كادا يۈكىكو خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.

بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى 14-فېۋرال كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكانىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ دوكلات بەرگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، تەيۋەن، ئىتاليە ۋە شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

بۇ ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىئيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشلاردا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر مەسىلىسىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى، ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇندىن سىرت، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپون سىياسىيونلارغا بولغان تەلەپلىرىمىزنىمۇ ئاڭلاتتۇق. مەسىلەن، خەلقئارادا ياپونىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ياپونىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان قانۇن ماقۇللىشىنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىشىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدۇق» .

روشەن ئابباس خانىم، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر ياپونىيە ھاكىمىيەت بەشىدىكى پارلامېنت ئەزاسى ياماتانى ئېرىكو خانىم(ئوڭدىن ئۈچىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى فېۋرال، ياپونىيە.
روشەن ئابباس خانىم، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر ياپونىيە ھاكىمىيەت بەشىدىكى پارلامېنت ئەزاسى ياماتانى ئېرىكو خانىم(ئوڭدىن ئۈچىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى فېۋرال، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

روشەن ئابباس خانىم ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قانچە تەلەپكە ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ قېتىم ياپونىيەگە ئېلىپ بارغان سەپىرىمىزدە ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ بولغان دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپ ئىستەكلىرىنى يەتكۈزۈش بولدى. بىز تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارئۆز ئاغزىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇنداقلا 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇنى بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىمىزدىكى ئەڭ زور غەلىبە بۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى ياپونىيە ئاسىيادا خىتاي بىلەن تىركىشىۋاتقان كۈچلۈك بىر دۆلەت. ئەگەر ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقسا، ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمەن. ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى مۇشۇ بولدى.»

مەمەت ساۋۇت ئەپەندى ئۆزلىرى سۇنغان تەلەپلەر ئىچىدىن ئۈچ تەلەپكە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسى سىياسىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاگىۋۇدا كويچى ئەپەندىنىڭ ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئايالى ئاكىكو ئابې خانىم(ئوڭدىن تۆتىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى فېۋرال، ياپونىيە.
روشەن ئابباس خانىم، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىلەر ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئايالى ئاكىكو ئابې خانىم(ئوڭدىن تۆتىنچى) بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى فېۋرال، ياپونىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 15-فېۋرال كۈنى كەچقۇرۇن ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ئايىلى ئابې ئاكىكو خانىمنى زىيارەت قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەن.

2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئىتى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ھىروشى تاكاگى، پارلامېنت ئەزاسى جىن ماتسۇبارا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، 11-12-فېۋرال كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى شىنجۇكۇ مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر كۇرستا ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى سابىق ئەلچىسى كېللېي كۇررىي (Kelley Currie) خانىم، خۇدسون ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرىدىن ئېرىك بروۋن (Eric Brown) خانىم، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى، ياپونىيەلىك ژۇرنالىست كائورى ئارىموتو خانىم ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى مۇتەخەسسىسلىرى ئوخشىمىغان تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىگەن.