روشەن ئابباس خانىم پىراگادا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 28-ماي ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا شەھىرىدىكى «ئامېرىكا مەدەنىيەت سارىيى» دا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنىدى. 29-ماي ئۇ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىراگا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەشكىللەنگەن يەنە بىر يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»، «ئەلجەزىرە» قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسى» دا مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان روشەن ئابباس خانىم 30-ماي چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ھامانلا ئاخبارات ساھەسىنىڭ جىددىي زىيارەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۇ بۇ شەھەردىكى گېزىت، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تەپسىلىي ئاڭلاتقان.

پىراگا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 30-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن ھەرساھە ئىلىم ئادەملىرى، سىياسىيونلارنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىپ، بۇ يېپىق يىغىندا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

روشەن ئابباس خانىم 30-ماي يەنە پىراگا شەھىرىدە «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنازىرە: خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدا كەچ سائەت 18:00 دىن 20:00 گىچە داۋام قىلغان بىر ئوچۇق يىغىندا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. يىغىنغا پىراگا شەھىرىدىكى سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ئاۋام خەلق ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان نۇرەخمەت ئەپەندىمۇ بېرىپ قاتناشقان. ئۇ بۇ يىغىننىڭ بەس-مۇنازىرە بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىپخانلىقى بىلەن ئاۋسترىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنلار 4 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەت كۈنتەرتىپىگە ئاساسلانغاندا روشەن ئابباس خانىم 30-ماي بىر كۈن ئىچىدە پىراگادا ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كەچ سائەت 20:00 گىچە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلگەن 5 يىغىنغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. كەچ سائەت 22:00-23:00 گىچە چېخىيەنىڭ ت ب چ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ 31-ماي كۈنى پىراگادا يەنە 3 يەردە پائالىيىتى بولۇپ، بۇنىڭ بىرى بۈگۈن كەچ ئامېرىكىنىڭ پىراگادىكى ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېپىق يىغىن ئىكەن.