رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنماقتا

0:00 / 0:00

رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىنىۋاتقانلىقى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى تىلغا ئېلىنىش داۋام قىلماقتا.

قازاقىستاننىڭ «پلاتون ئاسىيا» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ش ئۇ ئا ر دىكى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تېررورچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىشتا «باش جەڭ مەيدانى» دەپ ھېسابلايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمان خەلقلەرنى كۆپلەپ «قايتا تەربىيەلىمەكتە.» ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچە بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇشقا، يېڭى «خىتاي» ئىمپېرىيەسىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە يەنە دېيىلىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا، ئۇلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. يەنە بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئەتەي «خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى» سۈپىتىدە قارىماقتىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولۇۋاتىدۇ دەپ ھېسابلايدىكەن. ماقالىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ئىرقىي، مىللىي ۋە باشقىمۇ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كەلمەكتىكەن.

«قازاقىستان ئاخبارات بيۇروسى» ئېلان قىلغان ئادېلائىدا رومانوۋانىڭ «خەلقئارا دەرىجىدىكى فابرىكىلاردا ئۇيغۇرلارنى ئېزىۋاتقان خىتاي ئەيىبلەندى» ناملىق ماقالىسىدە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر ھېچ بىر سوراقسىز قولغا ئېلىنىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك قاماقلارغا ھۆكۈم قىلىنماقتىكەن. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار مۇنداق مەجبۇرىي ئەمگەك كېلىشىملىرىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بولسا مۇنداق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشلارنى رەت قىلىپ كەلمەكتىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئانالىزچىلار ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق خەلقئارا ۋە خىتاي كومپانىيەلىرىنى تېز ئارىدا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

«خەۋەر ئاسىيا» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «قازاقىستان: خىتايدىن قېچىپ كەتكەن ئېتنىك قازاق ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بىخەتەر سەزمەيۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە ئىنتايىن پەخەس بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. بۇ بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ قازاقىستانغا قىلغان زىيارىتىدە مەلۇم بولغان. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بولۇپمۇ 2009-يىلدىن كېيىن كەسكىنلىشىشكە باشلىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشكە، تىنتىشقا، قولغا ئېلىشقا، پوپوزا قىلىشقا كىرىشكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى دۇنياغا مەلۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، 2017-يىلدىن باشلاپ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» توغرىلىق خەۋەرلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى، ئەنە شۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان نۇرلان كوكتېئۇبايېف، گۈلباھار جەلىلوۋا، باھارگۈل توختاخۇنوۋا، مېھرىبان ئامىروۋا قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق مەھبۇسلىرىنىڭ نەق مەيداندا كۆرگەنلىرىنى دۇنياغا مەلۇم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە سىياسەتشۇناس نۇرلان تىلېئۇبايېفنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «قازاقىستان شىنجاڭنىڭ ئېتنىك ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەرلىك ئورۇن ئەمەس. ھەتتا ئېتنىك قازاقلار قازاقىستاننى كېيىن باشقا ئەلدە پاناھ ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. ئۇلار نۇر-سۇلتاننىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن قورقىدۇ.»

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ داۋام قىلامدۇ؟ دۇنيا جامائەتچىلىكى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە يېتەرلىك قارشىلىق كۆرسىتىۋاتامدۇ؟

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ داۋام قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «كورونا ۋىرۇس مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە خىتايغا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، غەربنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئالدامچى خالتىسىغا چۈشۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي سىياسىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەك. دۇنيا جامائەتچىلىكى بولسا خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا قارشى ھازىر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە بېسىم كۆرسىتىلسە، شۇ چاغدىلا خىتاي چېكىنىشى مۇمكىن.»

«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئېربول داۋلېتبېك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۈگۈنكى سىياسىتىنىڭ سۆزسىز داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغدا بۇ بېسىم مەڭگۈ توختىمايدۇ. بۇ پارتىيە 70 يىل داۋامىدا بۇ بېسىمنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈزۈلدى. قانچىمۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، بۇنى خۇدانىڭ ئۆزى بىلىدۇ. تۈرمىلەردىن، لاگېرلاردىن يالغان بوشىتىش، كۆز بوياش، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن، بىراق تىلىنى، دىنىنى، مىللىتىنى تېگىدىن يوقىتىش سىياسىتى كوممۇنىستلار بار، ھەرگىز توختىمايدۇ.»

ئېربول داۋلېتبېك مۇشۇ كۈنگىچە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە يېتەرلىك دەرىجىدە قارشىلىق بىلدۈرەلمەيۋاتقىنىغا ئەپسۇسلاندى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي «تېررورچىلىق بىلەن كۈرەش» باھانىسى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق باسماقتىكەن ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل «ئويۇنلارنى» ئويلاپ چىقارماقتىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، ئۇنىڭ تەسىرى ھەم ئۇنىڭغا بولغان بېقىندىلىق كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ سۈكۈت ساقلىشىغا سەۋەب بولماقتا.