ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.12.24
lager-yighin-meydani.jpg تەربىيەلەش لاگېرىدىكىلەرگە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ئوخشاش كىيىم كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش.
Social Media

مەلۇمكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن» لايىھەسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا تاپشۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە كەڭ ئورۇن بېرىلمەكتە. شۇ جۈملىدىن رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۇتقان مەۋقەسى بولماقتا.

«ئىسلام خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «ماھاتىر مۇھەممەد ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەۋەككۈل قىلدى» ناملىق ماقالىدا مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ مالايسىيادا ئىسلام دۇنياسى لىدېرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، بۇ ئۇچرىشىشتا ھەر خىل ئەللەردىكى مۇسۇلمانلار ئەھۋالىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا يەنە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ قارىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار تەقدىرىنىڭ كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

«رېگنۇم» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئۇيغۇرلار تەقدىرىنى كۇالا-لامپۇردىكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇھاكىمە قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مالايسىيا پايتەختىدە ئۆتكەن مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارالغان ئىكەن. ماقالىدا ھىندونېزىيە ئىسلام ئالىملىرى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئەنۋەر ئابباسنىڭ نۇتقىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھىندونېزىيەنىڭ ئىسلام ئالىملىرى كېڭىشى ئۇچرىشىشنىڭ بولۇشىنى قوللايدۇ، سەۋەبى ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم مەسىلىلەر، مۇسۇلمانلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى، يەمەندىكى ئۇرۇش، مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەڭسىزلىك ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى قاراشلار مۇھاكىمە قىلىندى.»

يەنە شۇ «رېگنۇم» دا ئېلان قىلىنغان «ھىندونېزىيە خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە» ناملىق ماقالىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بۇ مەسىلىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

دىنىي زات سەدىردىن ئايۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئەللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن ئىكەن. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، پاكىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرى باشقۇرغان بىر گۇرۇپپىسى خىتاينى قوللىسا، باشقا دىندىكى، مەسىلەن، خرىستىيان ۋە يەھۇدىي دىنلىرىدىكى مەملىكەتلەر ئۇيغۇرلار تەرەپ بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلارنىڭ بىزنى ياقىلىماسلىقىنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار. مەسىلەن، ئەرەب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىم مۇناسىۋىتى. ئىككىنچىدىن، ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ بېشىدا ئولتۇرغان سىياسىيونلار ئىسلام ۋە ئىماندىن يىراق. ئۇلار ئېغىزىدا مۇسۇلمان دېسىمۇ، ئۆزلىرى خالىمايدىغاندەك بىر ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ سىياسىيونلار مۇسۇلمانلار ئىشىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى خالىمايدىكەن.»

رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى 22-دېكابىر كۈنى خوڭكوڭدا مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش نامايىشى بولماقتا.

«ياۋرو نيۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان مارفا ۋاسىيېۋانىڭ «خوڭكوڭ ئۇيغۇرلار ھوقۇقىنى قوغدىماقتا» ناملىق ماقالىسىدە خوڭكوڭدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا قارىتىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى بولغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېلىپ چىققان ھەم «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك-خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «ساختا ئاپتونومىيەنى رەت قىلىمىز» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىكەن.

«پەرغانا» تور گېزىتىدە ئورۇن ئالغان «خوڭكوڭدا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى تۇتقۇن قىلىشلارغا ئايلاندى» ناملىق ماقالىدا بۇ يەكشەنبىلىك نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈلگەن تۇنجى نامايىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى 41 ياشلىق ۋوڭ دېگەن بىر ئايال مۇنداق دېگەن: «مەن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ پەقەت خوڭكوڭغىلا ئەمەس، بەلكى بىز ھەممىمىزگە ھاجەت دەپ ھېسابلايمەن.» ماقالىدا يەنە نامايىش بولغان يەردىكى سەھنىگە پلاكات ئېسىلىپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن ئىكەن: «بۈگۈن شىنجاڭ، ئەتە خوڭكوڭ، ئىلھام توختىنى بوشىتىڭلار!» ماقالىدا ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختىنىڭ 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە يېقىندا ئۇنىڭغا ساخاروف نامىدىكى «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلگەنلىكى ئېيتىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىن ئەپەندى خوڭكوڭدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكەن نامايىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەن بۇنى تولۇق مۇبارەكلەيمەن، سەۋەبى مۇشۇنداق نامايىشلار، پائالىيەتلەر، ھەرىكەتلەر بىزگە ھاۋادەك كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى قوللايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدىمۇ خىتايغا قارشى ئەنە شۇنداق ھېسداشلىق نامايىشلىرى ئۆتۈۋاتىدۇ. باشقا ئەللەرنىڭ قوزغىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ياخشى. بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭمۇ پرېزىدېنتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە تۇتقان مەۋقەسى بىزگە چۈشىنىشلىك. ئۇلار تېخى سوۋېتنىڭ چاپىنىنى تاشلىسىمۇ، مۇشۇ كۈنگىچە خىتاينى قوللاۋاتقان موسكۋانىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا بولماقتا.»

جاسارال قۇئانىشالىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتىنى بىرىنچىلەردىن بولۇپ قوللىغان مەملىكەتلەر ئىچىدە رۇسىيەنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە بىۋاسىتە خىتاينىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تەسىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.