خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستان ۋە رۇسىيەدىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر نامايىشلار ھەر خىل شەكىلدە ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى بىر مەقسەت، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىدىيەسى بىرلەشتۈرمەكتە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ موسكۋا، قازان شەھەرلىرىدە، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋە نۇرسۇلتان شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ، ئاھالىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى.
يېقىندا بولسا، ئالمۇتا ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدە بىر نەچچە يالغۇز كىشىلىك نامايىشلار يەنە بولۇپ ئۆتتى. ئىگىلىشىمىزچە، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋامىدا رۇسىيەلىك پائالىيەتچى ئالېكسېي كازاكوفنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ كەلگەنىدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى قىرغىنچىلىق سىياسىتى دەپ، قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئالېكسېي كازاكوف 23-يانۋاردا موسكۋا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بارغان. ئالېكسېي كازاكوف قولىدا «خىتاي! ! ! ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات! ! !» دېگەن پلاكات كۆتۈرۈپ، رۇسىيەلىكلەر ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرغان. ئالېكسېي كازاكوفنىڭ بۇ نامايىشىنىڭ مەقسىتىنى بىلمەكچى بولغان ساقچىغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «دۇنيانىڭ 26 مەملىكىتى، شۇ جۈملىدىن گېرمانىيە، فىرانسىيە، بۈيۈك برىتانىيە، ئا ق ش، كانادا، ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى بۇزۇۋاتىدۇ، ئۇلارنى قىيناۋاتىدۇ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ خەت يازغان. مەن رۇسىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيادا تىنچلىقنى ساقلاش مەنپەئەتىدە ئۆز ئېلىمنى ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نورمىلىرىنى بۇزۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشقا چىقىرىشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىم دەپ ھېسابلايمەن.»
بىز ھازىر رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ياشاۋاتقان ئالېكسېي كازاكوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە قانۇنى رۇسىيەنىڭ ھەر قانداق پۇقراسىنىڭ ھېچ كىمگە خەۋەر قىلماي ياكى ھېچ كىمدىن رۇخسەت ئالماي، يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىقىش ھوقۇقىنى تەمىنلەيدۇ. بۇ مەملىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئېيتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ نامايىشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە چىقتىم. ھازىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلار لاگېرلارغا ‹قايتا تەربىيەلىنىش› ئۈچۈن سولاندى. ئادەملەر بۇ لاگېرلاردىن تامامەن باشقىچە بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنىڭغا قارشى كۈرەشنى بىر يېرىم يىل ئىلگىرى باشلىغان ئىدىم. بۇ ۋاقىتتا 26 مەملىكەت خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، خەت يازغاندىن كېيىن، مەن بۇ ھەرىكىتىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلدىم».
ئالېكسېي كازاكوف ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈش لازىملىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا، قولىدىن كېلىشىچە بۇنىڭغا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالېكسېي كازاكوفنىڭ تەرجىمىھالىغا قارىغاندا، ئۇ رۇسىيە ستۇدېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاينىڭ لاگېرلار سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كۆپ پائالىيەتلەرنى قىلغانىدى. ئۇ، رۇسلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، موسكۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يالغۇز نامايىش قىلغان پائالىيەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئالېكسېي كازاكقا ئوخشاش مۇنداق يالغۇز كىشىلىك نامايىش يەنە خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى بىناسى ئالدىدىمۇ ئۆتكەن. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭغا قاتناشقان سېرك ئاجىباي، بايبولات كۈنبولاتۇلى ۋە مارات قۇربانوفلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزسىز يوقاپ كەتكەن ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ياتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ھېچ كىم چىقمىغان. بىز ئەنە شۇ يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر يىگىتى مارات قۇربانوفنى زىيارەت قىلدۇق.
1962-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان مارات قۇربانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «نامايىشقا چىققان سەۋەبى مېنىڭ تۇغقانلىرىم يوقاپ كەتكەن ئىدى. ئۈچ يىل بولدى، ئۇلاردىن خەۋەر يوق. بىرىنچى قېتىم مەن 26-سېنتەبىردە خىتايغا قارشى نامايىشقا چىقتىم. ئاندىن شەھەردىكى كۆرگەزمە بىناسى ئالدىدا چىقتىم. ئۇ كۈنى خىتاينىڭ كۆرگەزمىسى بولغان ئىدى.»
مارات قۇربانوف 22-يانۋاردا ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققان. ئۇ مۇنداق دېدى: «پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ چىقتىم. كونسۇلخانىدىن ھېچ كىم چىقماي، ئۇنى تاقىۋەتتى. بىزدە نامايىشقا چىقىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بىر-بىردىن چىقتۇق. ھازىر سىياسەت كۈچىيىپ كەتتى. رۇسلارمۇ ھازىر سىبىردا خىتايغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئالېكسېي كازاكنىڭ قىلغان ئىشىغا رەھمەت دەيمەن.»
مۇنداق يالغۇز كىشىلىك نامايىشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلىۋاتقىنى گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىمجاننىڭ نامايىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئوخشاشلا باشقا ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
0:00 / 0:00