رۇس تىللىق مەتبۇئاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ھەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پاجىئە بىر ھەپتىدىن بۇيان دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ئاساسىي سەۋەب بولغان ئىكەن. يەنى قاتتىق قامال تەدبىرلىرى تۈپەيلى قوللىنىلغان چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك چارىلىرى بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئونلىغان ئادەملەر ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان.

رۇس تىللىق مەتبۇئاتلار خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرنى مەنبە قىلىپ، ئوت ئاپىتىدە پەقەت 10 نەپەر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن ئەۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ۋەقەدە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ پاجىئەدىن كېيىن، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى شاڭخەي، نەنجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم قامال سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار يۇقۇم قامالىنى بىكار قىلىش، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش شوئارلىرىنى توۋلاش بىلەنلا قالماي، بەلكى يەنە كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشىنى، شى جىنپىڭنىڭ تەختنى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

«رۇس-بىزنېس-كونسالتىنگ» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى نارازىلىقلار، شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە قانچىلىك خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 16 شەھىرىدە ئۆتكەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئونلىغان ئادەمنىڭ قازا بولۇشى سەۋەب بولغان ئىكەن. نامايىشچىلار يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك چارىلىرىنىڭ يۇمشىتىلىشىدىن تاشقىرى يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ ئىستېپا بېرىشىنىمۇ تەلەپ قىلغان. ماقالىدە چەت ئەل مەتبۇئاتلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، بۇ نارازىلىقلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئون نەچچە يىللىق ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جەھەتتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر نارازىلىقلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يوشۇرغانلىقى ۋە تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، شاڭخەيدىكى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولىدا خىتاينىڭ «نول كوۋىد» قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كىشىلەر، 2022-يىلى 26-نويابىر، شاڭخەي.

«ناستوياشېيې ۋرېميا» تېلېۋىزىيە قانىلىدا بېرىلگەن «خىتايدىكى يۇقۇم چەكلىمىلىرىگە قارشى ئاممىۋىي نامايىشلار: بەزىلەر شى جىنپىڭنىڭ ئىستېپاسىنى تەلەپ قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا ئۈرۈمچىدە باشلانغان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ پۈتكۈل خىتايغا كېڭەيگەنلىكى، نامايىشچىلارنىڭ شى جىنپىڭ ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى تۇرغانلىقى ئېيتىلغان.

RTV ، يەنى «رۇس خەلقارا تېلېۋىزىيەسى» ئورۇنلاشتۇرغان «خىتايدا يۇقۇم چەكلىمىلىرىگە قارشى نامايىشلار بولىۋاتىدۇ، ھاكىمىيەت ئۇنى چەكلىيەلەمدۇ؟» ناملىق ماقالىدە خىتايدىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ 22-نويابىردە جېڭجۇ شەھىرىدە تەيۋەننىڭ «فوكسسون» زاۋۇتى ئىشچىلىرىنىڭ زاۋۇت رەھبەرلىكىگە قارشى نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا يۇقۇم چارىلىرى ئەمەس، بەلكى زاۋۇت رەھبەرلىكىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇندىمىغانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئادەملەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بۇ نامايىشلارنىڭ قايتا يېڭى كۈچ بىلەن يۈز بېرىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

رۇسىيەنىڭ «يېڭىلىقلار» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ماسكىلار يۇلۇپ تاشلاندى، خىتايدا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى خىتاي ۋە ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ باشلىقى ئاندرېي ۋىنوگرادوفنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ۋەزىيىتىدە بىرەر بۇرۇلۇشنىڭ بولۇشى توغرىلىق سۆز قىلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئابدۇرەھىم ھاپىزوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى تەكىتلىشىمىز كېرەككى، خىتايدا بولۇۋاتقان بۇ نامايىشلار ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسى، شەرقىي تۈركىستان ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىۋاتقانلىقىنىڭ، خىتاي خەلقىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى چىقىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە دېموكراتىيەگە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتى.»

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېيوف مۇنداق ئەھۋاللار يەنە تەكرارلانسا، ئۇ چاغدا خىتايدا چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى، ھازىر چوڭ تىپتىكى سودا-تىجارەتلەر خىتايدىن كېتىۋاتىدۇ. داڭلىق تىجارەتچى جېك ما مەملىكەتتىن كەتتى. جياڭ زېمىن ئۆلدى. بىز يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا خۇ جىنتاۋنىڭ يىغىن زالىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمى ئورنىتىلدى. بۇ ئەمدى شۇنىڭغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكى، شى ژىنپىڭغا ھەممىسى قارشى چىقىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تېز ۋە ئوچۇق يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى شى جىنپىڭ ھەممىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولامدۇ، ياكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر بولامدۇ، ھەر قانداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېلەچەكتە پەقەت شى جىنپىڭ تۈزۈمىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.»

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ئارقىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ تۆۋەنكىدەك تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلدى: «بىرىنچى، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قول تىقىشى، سىڭىپ كىرىشى ۋە سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشكە قاراپ ئۇرۇنۇشى، دەپ بوھتان چاپلاپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي رەھىمسىز، قانۇنسىز، قاتتىق قوللۇق ئۇسۇللىرى بىلەن، شۇ جۈملىدىن قوراللىق ئارمىيەنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قارشىلىقلارنى باستۇرۇشى يۈكسەك مۇمكىنلىككە ئىگە؛ ئىككىنچى، ھازىرقى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە تېز ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتنى ھېسابقا ئېلىپ، ئۆكتىچىلەرنى ئالداپ، پارچىلاپ، رەسمىي ۋە مەخپىي جازالاش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تاللىشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچى، غەربنى خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ بولۇۋاتقان جەريانلاردا ئوينىلىۋاتقان ئويۇن بولۇشى مۇمكىن؛ تۆتىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشلارنى تىنچلاندۇرۇشتا ۋە ئۆزىنىڭ دىكتاتورلۇق تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا، خەلقئارا پرىنسىپلارغا ماس ھالدا ئامېرىكا ۋە دېموكراتىك غەربنى ئالداشنى مەقسەت قىلىپ، ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار تىنچ نامايىشقا چىققان ھامان قورال ئىشلىتىش كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان بىر دەھشەتلىك ئۇسۇل. خىتايدا زادى نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى كەلگۈسىدە پاش بولۇشى مۇمكىن.»

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنياۋىي ئىقتىساد ۋە خەلقارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاسىلىي مىخېيېفنىڭ پىكرىچە، قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭ بىر نەچچە مەسىلە، شۇ جۈملىدىن بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا باغلاشقان ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلگەنىكەن. بىرىنچى، ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ سۇسلىشىشى ۋە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى. ئۇ ۋىرۇس يۇقۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رەھبەرلىكى كۆرۈۋاتقان قاتتىق چارىلەر سەۋەبىدىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەپ، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا سىياسىي تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇبادا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىغان بولسا، كېلەچەكتە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.