روشەن ئابباس: «ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئۈنسىز دۇنيادا»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى 28-ماي ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان بىر دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

مەزكۇر يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ فەيسبوك بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئاۋسترىيەدىكى «ئامېرىكا مەدەنىيەت سارىيى» دا ئېچىلغان. بۇنىڭغا ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم قاتناشقان ۋە «ئۇيغۇرلار: خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئۈنسىز دۇنيادا» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن.

ئۇ بۈگۈن، يەنى 29-ماي رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. روشەن ئابباس خانىم دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسسىز تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتكە چوقۇم بىر كونكرېت تەدبىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقى دوكلاتنىڭ مۇھىم تېمىسى بولغان ئىكەن.

29-ماي ئاۋستىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتىر بېتىدە بۇ قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس تۈنۈگۈن كەچتە ئاۋستىرىيەدىكى ‹ئامېرىكا مەدەنىيەت سارىيى› دا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى» دەپ يېزىلغان.

روشەن ئابباس خانىم يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب باسقۇچى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا تولۇق كۈنتەرتىپكە كېلەلمىگەنلىكنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەرخىل سوئاللارنى سورىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان «ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ئەزالىرىدىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى مەۋلان دىلشاتمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

مەۋلان دىلشاتنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا بىر-ئىككى خىتاي مەيدانغا كىرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە سولىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق، روشەن ئابباس خانىمنىڭ سۆزلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30-ماي ئۇ يەنە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.