كۆزەتكۈچىلەر: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق غەربكە بولغان تەھدىتىنى ئاشكارىلىماقتا»

0:00 / 0:00

رۇسىيە ئارمىيەسى زور كۆلەملىك ھەربىي تاجاۋۇز ئارقىلىق ئۇكرائىناغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى «رۇسىيە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى بۇزدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما پۈتۈن دۇنيا تىنچلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر رۇسىيەنى ۋاستىلىك ھالدا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانالىزچىلار، رۇسىيەنىڭ بۇ تاجاۋۇزچلىقى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قاراشماقتا.

رۇسىيە ۋە خىتاي ئىككىلا تەرەپنىڭ رەسمىي ئاخبارات قاناللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 25-فىۋرال تېلېفۇندا كۆرۈشكەن. خەۋەرگە قارىغاندا، پۇتىن شى جىنپىڭغا رۇسىيەنىڭ ھازىر ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، شى جىنپىڭ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تۇپراق كېڭەيتىشكە بولغان قارا نىيىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلغان. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دېموكراتىك غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلغان.

رويتىرىس ئاگىنتلىقىنىڭ 25-فىۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ جۈمە كۈنى ئۇكرائىناغا ھاۋا مۇداپىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللارنى ئەۋەتىپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربى جەھەتتىن رۇسىيەنى ۋاستىلىك قوللاۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. CNN نىڭ 25-فىۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رۇسيەدىن بۇغداي ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلغان. ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى موررىسون مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «دۇنيا روسىيەگە قوشۇمچە جازا يۈرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي روسىيەنىڭ بۇغداي كىرگۈزۈش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى، بۇنى پەقەت قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ،» دېگەن.

بۇ ھەقتە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسى ئىشقا يارىمسا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربلىكەرنىڭ قۇرۇپ چىققان دۇنيا سىسىتېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.»

ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتىن قانداق بىر نەتىجىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدىكى تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رويتىرىس ئاگىنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن بىلەن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تېلېفۇندا كۆرۈشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار بىر قانچە قېتىم رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى ھەققىدىكى پىكرى رەت قىلىنغان.

ئانالىزچىلار، بۇ قېتىلىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ دۇنيانىڭ قايتا ئىككى قۇتۇپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاينى يىللاردىن بىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەپ مۇشۇنداق كۈچلۈك ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەب بولغان، لېكىن خىتاي ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ يېنىدا تۇرشنى تاللايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كىڭەيمىچىلىك پىلانى بار.»

قىسقىسى، كۆزەتكۈچىلەر روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، پۇتىىنىڭ غەربكە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قاراشماقتا.