رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرزىسى بىلەن خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كىرزىسىغا قويۇلغان قوش ئۆلچەم (2)

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.25
رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرزىسى بىلەن خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كىرزىسىغا قويۇلغان قوش ئۆلچەم (2) دۇنياغا مەشھۇر تېخنىكا شىركىتى تېسلانىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە مۇدىرى ئېلون ماسك(ئەلون مۇسك) ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن(ئوڭدا).
AP

رۇسىيە 24-فېۋرال كۈنى ئوكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنلا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەر رۇسىيەگە بىر نەچچە قېتىملىق ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزدى. ئەمما بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىۋاتقان، يەنە بىر جەھەتتىن رۇسىيەنى قوللاۋاتقان، ھەتتا ئاستىرىتتىن ياردەم بېرىۋاتقان خىتايغا كۈچلۈك جازا تەدبىرى قوللانمىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە نوپۇسى كۆپ بازار بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى خىتاينى ئالدىراپ تەگكىلى بولمايدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولۇپ، خىتاينى سودا شېرىكى دەپ قاراش يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن تارتىپ، خەلقئارا كارخانىلارنىڭ لىدېرلىرىغىچە ئومۇملىشىپ كەتكەن.

ئامېرىكادىكى Rand سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى، دوكتور تىموسى ھېت (Timothy R. Heath) ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. رۇسىيە ياۋروپادا جەڭ ئوتىنى تۇتاشتۇردى، بۇزغۇنچىلىق خەتىرى كۈچىيىپ، ھەتتا يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىش خەۋپىنى پەيدا قىلدى. غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ھېساب ئېلىشتا چوڭراق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي ھازىر باي ۋە قۇدرەتلىك بولۇپ كەتكەچكە، بۇ ئىشلار تەس بولۇۋاتىدۇ. غەرب ئەللىرى ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ؛ بەزى ھۆكۈمەتلەر چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ خىتاينى جازالاپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ».

غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش بىلەن قالماي، رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغان جازالارنى يولغا قويغان. ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە رۇسىيەدىن نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز كىرگۈزۈشنى چەكلىگەن. رۇسىيەنىڭ نېفىتى بىلەن تەبىئىي گازىغا 40 پىرسەنت تايىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇنىڭغا ئەگەشكەن. غەرب دۆلەتلىرى يەنە رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 630 مىليارد دوللار پۇلىنى توڭلىتىپ قويغان. ئالما، مەكىدونالد، كوكا كولا، سىتارباكس قاتارلىق خەلقئارا شىركەتلەر رۇسىيەدىكى سودىسىنى توختاتقان. ئەمما ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھەمدە رۇسىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان خىتايغا يۇقىرىقىدەك ئېغىر جازالارنىڭ ھېچقايسىسى بېرىلمىگەن. خەلقئارا شىركەتلەر خىتايدىكى زۇلۇم ۋە قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتاي بىلەن داۋاملىق سودا قىلماقتا ئىكەن.

دوكتور تىموسى ھېت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەگە بولغان پەرقلىق مەيدانى ئىككى ئامىلنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ: خىتاي بولسا نەپ ئالغىلى بولىدىغان شېرىك، رۇسىيە ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا ھەر قايسى شىركەتلەر رۇسىيەگە قارىغاندا، خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شىنجاڭدا ياشايدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەر قانچە زۇلۇم سالسىمۇ، بەرىبىر ئۆزىنىڭ پۇقراسى دەپ قارىلىدۇ. خەلقئارا شىركەتلەردە، ئۆز پۇقرالىرىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زۇلۇم سېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى جازالاش ھەققىدىكى تونۇش نىسبەتەن تۆۋەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى خاتالىق، ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق دەيدىغان خەلقئارا پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ، رۇسىيە قوزغىغان بۇ ھۇجۇم ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە ئاپەت ئېلىپ كەلدى، يادرو ئۇرۇشى خەۋپىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شۇڭا بۇمۇ خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ شىركەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى: «بىز بۇ شىركەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلدۇق. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەدە سودا قىلىشنى توختىتىشتىكى ئۆلچىمى قىزىقارلىق، ئۇلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا قىلىۋاتقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نۇرغۇن سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ. بىز بۇ شىركەتلەرنى ھەر قانداق سودىسىدا ئوچۇق بولۇشقا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىققا داۋاملىق چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەرىك ئوھلبېرگ (Mareike Ohlberg) يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ خىتاينى تاللاپ، رۇسىيەنى تەرك ئېتىشىدىكى سەۋەبنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن چېكىنگەن بىلەن خىتايدىكى ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىكى بەزى سەۋەبلەر، مېنىڭچە بازار ئىگىلەش نىسبىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ شىركەتلەر رۇسىيەگە كەلگەن قاتتىق جازانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى، رۇسىيەدىن چېكىنسەكمۇ بەك زىيان تارتىپ كەتمەيمىز دەپ ئويلىدى. ئەمما خىتايغا كەلگەندە، ئۇ يەردىن چېكىنىشنى خالىمىدى، مەنپەئەتىدىن كېچەلمىدى. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، بەزى ئىشلارنى بۇ شىركەتلەرنىڭ قارارىغا باغلاپ قويغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش. گەرچە ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمىز دېسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ، پايدا ئېلىشقىلا تۇرىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەر كارخانا ئەخلاقىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر مېخانىزم بەرپا قىلىشى كېرەك. كۆپلىگەن غەرب شىركەتلىرى خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم قىلغىلى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلەرگە شېرىك بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ».

دوكتور تىموسى ھېت خىتاي بىلەن سودا قىلماقچى بولغان ھەر قانداق شىركەتنىڭ مۇقەررەر يوسۇندا مەنپەئەت بىلەن ۋىجدان مەسىلىسىگە دۇچ كېلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەلۋەتتە ناھايىتى ياۋايى ھەم قەبىھ جىنايەت. شۇغىنىسى، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى پۇقرالىرىغا زۇلۇم سېلىشى دەپ قارىلىدۇ. كىشىلەر غەرب شىركەتلىرىنى كۆپرەك ئەخلاقىي ئۆلچەم قوللىنىپ، ئۆز پۇقرالىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن سودا قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرسا بولىدۇ. بۇ شىركەتلەر نېمىشقا خىتايدەك زالىم بىر ھۆكۈمەتتىن نەپ ئېلىشتىن كېچەلمەيدۇ؟ بۇ ھەققانىي بىر سوئالدۇر».

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنياغا مەشھۇر تېخنىكا شىركىتى تېسلانىڭ قۇرغۇچىسى ئىلان ماسك سۈنئىي ھەمراھ تورى Starlink ئارقىلىق ئۇكرائىنادىكى كۆچمە تېلېفون تورىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئۇ 26-مارت كۈنى تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «Starlink مۇلازىمىتى ئۇكرائىنادا ئاكتىپ ھالغا كەلدى. يەنە نۇرغۇن بېكەتلەر قۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېگەن. ھالبۇكى، تېسلا شاڭخەيدە زاۋۇت قۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 4-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە دۇكىنى ئاچقانىدى. ياخۇ ئىقتىساد تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋەر ئانالىزىغا قارىغاندا، ئېلان ماسكنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىكتىرلىق ماشىنىلارنى سېتىشى ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قىلىنغان ھاقارەت ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا ياساش سانائىتى بىرلەشمىسى رەئىسى سكوت پائول (Scott Paul): «شىنجاڭدا سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تېسلانىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھەممىدىن يىرگىنچلىك» دېگەن. رۇسىيەگە قارشى ئۇكرائىنانى قوللاۋاتقان ئىلان ماسك 14-مارت كۈنى تىۋىتتېردا پۇتىن بىلەن يەكمۇ-يەك تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇمۇ دۇنيانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئەمما ئىلان ماسكنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ باققانلىقى ياكى بىرەر ئىش قىلىپ باققانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز بۇ مەسىلە توغرۇلۇق تېسلا شىركىتىگە خەت يازغان ۋە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدۇق.

دوكتور مەرىك ئوھلبېرگ تېسلاغا ئوخشاش شىركەتلەرنى ۋىجدانىي چاقىرىق بىلەن ئەمەس، قانۇنىي چەكلىمە بىلەن توغرا يولغا سالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى مەسىلە كۆپىنچە شىركەتلەر كۆز بوياپلا ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشنى، بىر مەزگىلنى چىداپ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا شۇنى بىلدۇقكى، ئۇلار گەرچە ‹خىتايدىكى زاۋۇتلىرىمىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوق› دەپ كەلسىمۇ، بۇ جىنايەتكە ھەقىقەتەن شېرىك بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا قىينىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغانلار باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىشەنگۈسىز زۇلۇم ئاستىدا ئىشلەيدۇ. مەن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ھەق تەرەپتە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما بۇ يەنىلا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە قانۇن تۇرغۇزۇشىغا باغلىق. شۇندىلا شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاشىدۇ، غەرب شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق گەرچە خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختاتقىلى بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ ئىشقا تۆلەيدىغان بەدىلىنى ئېغىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ».

ئۇ يەنە خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەدىكى قوش ئۆلچەمنىڭ يەنىلا مەنپەئەتكە تاقىشىدىغانلىقىنى، ئىستېمالچىلارنىڭمۇ مەنپەئەتتىن بەكرەك ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىي ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئوكرائىنانى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئالاھىدە بىر ئۇرۇش. ئەمما بايا ئېيتقىنىمدەك، بۇ شىركەتلەر خىتايدىن پۇل تېپىشنىلا ئويلايدۇ، ھەم تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش پۇرسىتىنى كۆردى. شۇڭا ئۇلار قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ. بۇنى توختىتىش ئاۋام خەلققىمۇ باغلىق، ئەگەر ئۇلار بۇ شىركەتلەرگە ‹سەن بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، سەن خىتايدىكى زۇلۇمنى قوللاپ تۇرۇپ جازاغا ئۇچرىمىساڭ، يەنە كېلىپ بىزگە ماللىرىڭنى ساتساڭ قانداق بولىدۇ؟› دېيەلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بايىمۇ دەپ ئۆتكىنىمدەك، دۆلەت بۇنىڭغا قانۇن چىقىرىپ، شىركەت-كارخانىلارنى بۇ قىلمىشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان قىلىشى كېرەك. بۇ بىر كۈندىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى».

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرزىسىغا ئوخشاشلا خەلقئارالىق كىرزىستۇر، پەقەتلا ئۇنىڭ ئىس-تۈتەك جەڭ مەيدانىدا ئەمەس، بەلكى لاگېرلاردا، زاۋۇتلاردا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان شەكىلدە ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە كۆز بويامچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنىڭ بۇ پاجىئەنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقى، بىلمەيۋاتقانلىقى، خىتاينىڭمۇ تېگىشلىك جازادىن قېچىپ كېلىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەتتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.