«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى
2022.04.13
10-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكادا چىقىدىغان «نيۇ-يورك قۇياشى» (NYSUN) گېزىتىدە «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالە ئاپتورى ئىۋانا ستراندى (IVANA STRADNE)، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوتى (ICJ) نىڭ «رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى توسۇپ قېلىشىنى كۈتۈش ساددىلىق،» دەپ باھالىغان. ئۇ بۇنىڭ ئورنىغا ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» غا ئوخشاش مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ كىيېۋ ئەتراپىدىن چېكىنىشى ئۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بۇچا قاتارلىق شەھەرلىرىدە سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ جىنايەتلەر ھۆججەتكە ئېلىشنى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى توسۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىش ساددىلىق. بۇ سوتلار مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ كېچىكتۈرۈشى ۋە بۇرمىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە سوت ھۆكۈملىرى ئۆز كۈچىنى يوقىتىدۇ.»
ئىۋاندا ستراندى ماقالىسىدە مانا بۇنداق ئەھۋالغا قارشى ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچۈن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» مودېلىنى تەۋسىيە قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:
«شۇڭا غەرب دۆلەتلىرى ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ئۇسلۇبىدىكى خەلقئارالىق سوتنى قوللاپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ جىنايەتلىرىنى خاتىرىلىشى ۋە تەشۋىق قىلىشى كېرەك. بۇنداق سوت كوللېگىيىسى ئۇنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشنى ئەمەس، بەلكى جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن 2020-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان. بۇ كوللېگىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى سادىر قىلىلغان-قىلمىغانلىقى ئۈستىدە يەكۈن چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىقى ماقالىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئەينى چاغدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قاراپ چىقالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، مۇشۇنداق مۇستەقىل سوت تەشكىللەشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ماقالە ئاپتورى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز بولۇشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن زەربە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن: «2020-يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ‹ئۇيغۇر سوتى› ئۇكرائىنا ئۈچۈن شۇ خىل سوتنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ. سوت كوللېگىيەسى خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۈنۈملۈك يىغىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى جىنايەتلىرى توغرىسىدىكى زور دەلىل-ئىسپاتلارنى تەھلىل قىلدى. بۇ سوتنىڭ ئۈنۈمى ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئۇ چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ. بەلكى ئۇ پەقەت مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ. مۇستەقىللىق ۋە تەرەپسىزلىك نەتىجىسىدە بۇ سوت خىتاينىڭ خەلقئارا ئورگانلارنى كونترول قىلىپ، يامان غەرەزدە ھەرىكەت قىلىشىغا ئوچۇق-ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئايلاندى.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تەرەپسىزلىكىنىڭ خەلقئارا جامائەتنى قايىل قىلغانلىقىنى، سوتتا يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا ۋە ئۇنى ئارخىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنداقلا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خەلقئارادىكى جىنايەتلەرنى ئېنىقلاشتا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلىشىنى ئۇيغۇر سوتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالە ئاپتورى ئىۋانا ستراندى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئۈچۈن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» قۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلانغان:
«بۇنداق سوت كوللېگىيەسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز خىزمەت قىلالايدۇ. چۈنكى سوت كوللېگىيەسى ب د ت غا ئوخشاش ئورگانلارغا چېتىشلىق بولمىغاچقا، نۆۋەتتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بىيۇروكراتلىقنىڭ پاسسىپلىقى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ پەردە ئارقىسى ھەرىكىتىدىن ساقلىنالايدۇ.
بۇ سوت كوللېگىيىسى ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، خاتا، ساختا تەشۋىقاتلارغا زەربە بېرەلەيدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۇچۇر بوشلۇقى مۇرەككەپ توقۇنۇشنى پۇقرالار چۈشىنىشكە بولىدىغان ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىپ بېرەلەيدىغان نوپۇزلۇق ئاۋازغا مۇھتاج. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى بۇچادىكى جەسەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى «ساختا» ياكى ئۇكرائىنا تەرىپىدىن غەرب تاراتقۇلىرى ئۈچۈن سەھنىلەشتۈرۈلگەن دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ھەقىقىي ئۇچۇرنى بۇرمىلاشنىڭ قىممىتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە كەڭ تارقاتتى. شۇڭا بۇنداق بىر سوت كوللېگىيەسى بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بولالايدۇ.»
ئەنگىلىيەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى لۇك دى پۇلفورد ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ئوخشاش بىر خەلقئارالىق سوتنىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلەشنىڭ بىر يولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«شۇنداق، ھۆكۈمەتلەر رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا يېتەرسىز قالغان بىر شارائىتتا، بىر خەلقئارالىق سوت كوللېگىيەسى قۇرۇش ياخشى بىر تاللاش بولۇشى مۇمكىن. تولىمۇ ئەپسۇس، خەۋپسزلىك كېڭىشىدىكى ۋېتو ھوقۇقى سەۋەبىدىن ب د ت ئارقىلىق خەلقئارالىق نورمال ئادالەت سىستېمىسىنى يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولماي كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سوت كوللېگىيەسى بىر ئامال بولالايدۇ. بىراق بۇنداق سوتلارنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر بۇ سوت ئاخىرىدىكى يەكۈننى قانۇنىي دەپ قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارلىق پاكىتلارغا قاراپ چىقىشقا تەييار. شۇڭا رۇسىيەنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ يوللىرى يەنىلا مەۋجۇت.»
مەلۇم بولۇشىچە، «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى» رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پاكىتلارنى يىغىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن رۇسىيە ئۈستىدىكى ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق ئەيىبلەشلەر ئۈستىدىن قاراپ چىقىدىكەن. ئەمما ماقالە ئاپتورى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئىنتايىن ئاستا ۋە ئۈنۈمسىز دەپ قارايدىكەن. ئۇ بۇنىڭغا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇسىيە-گرۇزىيە ئۇرۇشى سادىر بولۇپ ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىل ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان ئۈچ شەخسنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما رۇسىيەنىڭ بۇ ئۈچ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئەيىبلىنىشىگە يول قويماي ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇ ماقالىسدا «رۇسىيەنىڭ 3 نەپەر تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى جازالىيالمىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو قورال ئامبىرىنى كونترول قىلىدىغان پۇتىننى سوتقا تارتىپ جازالىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، بۇ يىل مارت ئېيىدىمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رۇيسىيە ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دېگەن بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىشىنى توسىيالمىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىنى «بىز خەلق سوتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېنىق كۆزىتىشىمىز كېرەك. بۇنداق ئورگانلار جىنايەتچىلەرنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن يېـتەرسىز، بۇ ئېنىق. ئەمما سوت كوللېگىيىسى دۇنيانىڭ ئۇكرائىنادا سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنى ۋە ئۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان باشلامچى ئاۋازغا ئايلىنالايدۇ،» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.